UyghurMain Dictionary
كامپورا دەۋا دېلوسى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە مۇستەملكىچى دائىرلىرى ھىندىستان كوممۇنىزم ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن پەيدا قىلغان ۋەقەسى. 1924 - يىلى 2 - ئايدا مۇستەملىكىچلەر كامپۇرلىق گۇپتا، ئەخمەت، دانگى ۋە ئوسمانى تۆت نەپەر كوممۇنىزمچىنى قولغا ئېلىپ سوراق قىلغان ۋە ئۇلارنى زورلۇق كۈچ ئىنقىلابىي ئارقىلىق ئەنگلىيە كورۇلىنڭ ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستانغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قەستلىگەن دەپ ئەيىبلەپ، تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. سوراق مەزگىلىدە بومبايدا ھىندىستان كوممۇنىزمچىلىرىنى قوغداش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ھىندىستان جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەنگلىيە كومپارتىيىسىگە مۇراجىئەت چىقىرىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ھۆكۈمنى بىكار قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. بىراق ئۈنۈم بەرمىگەن.