UyghurMain Dictionary
كامبودژا مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
كامبودژا خەلقىنىڭ ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ۋيېتنامنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ لاڭنۇ گۇرۇھىنى ئاغدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ھەققانىي ئۇرۇشى. 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئامېرىكا لاڭنۇ گۇرۇھىنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، سىخانوكنىڭ (1922 - ) قانۇنىي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. جەنۇبىي ۋيېتنام قورچاق ئارمىيىسى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا كامبودژاغا كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. كامبودژا خەلقى كامبودژا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنڭ رەھبەرلىكىدە قەھرىمانلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، بەش يىل جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى ۋە جەنۇبىي ۋيېتنام قورچاق ئارمىيىسنىڭ 100 مىڭدىن ئوشۇق ئارمىيىسىنى تار - مار كەلتۈرۈپ، لاڭنۇنىڭ قورچاق ئارمىيىسىنى يوقاتقان. 1975 - يىلى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى پايتەخت پىنوم - پېننى ئازاد قىلغان، 19 - كۈنى پۈتكۈل كامبودژانى ئازاد قىلغان.