Chinese→UyghurMain Dictionary
军人叛逃罪
جىنايەت ۋە جازا
ھەربىيلەرنىڭ ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش جىنايىتى
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ دۆلەت چېگراسىدىن ئاسىيلىق قىلىپ قاچقان ياكى چېگرا سىرتىدا ئاسىيلىق قىلىپ دۆلەتنىڭ ھەربىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم ھەربىيلەرنىڭ مەڭگۈ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلماسلىق مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ دۆلەت چېگراسىدىن ئاسىيلىق قىلىپ قاچقان ياكى دۆلەت سىرتىدا ئاسىيلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
430 - ماددا ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ دۆلەت چېگراسىدىن ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ ياكى چېگرا سىرتىدا ئاسىيلىق قىلىپ دۆلەتنىڭ ھەربىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى، كېمە - پاراخوتلارنى ھەيدەپ ئاسىيلىق قىلىپ قاچقانلارغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
قانۇن
jūn rén pàn táo zuì
ھەربىيلەر ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش جىنايىتى