Chinese→UyghurMain Dictionary
军人党
دۇنيا تارىخى
ھەربىيلەر پارتىيىسى
ئاۋسترىيە مىلىتارىستلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل گۇرۇھى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن.ئۇنىڭ ئاساسلىق كاتتىبېشى ئاۋسترىيە ۋەلىئەھدىسى فرانتىس فېردىناند قاتارلىقلار. ئىچكى جەھەتتە ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋەزىيەتنى تەرتىپكە سېلىپ، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە، كرودىيە (كرودىيە - چېخ) قاتارلىق ئۈچ مەنبەلىك تۈزۈمدىكى پادىشاھلىق قۇرۇشتىن ئىبارەت. <ئۈچ دۆلەت بىرلىشىش لايىھىسى> نى قوللاش ئارقىلىق ۋېنگرلارنىڭ سىياسىي تەسىرى كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولغان. سىرتقا قارىتا گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان. سېربىيىگە قارىتا ئاۋۋال قول سېلىپ ئۇرۇش قىلىش، ھەتتا ئىتالىيىگىمۇ كەسكىن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى تەسىر دائىرىسىنى تارتىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، 1908 - يىلى بوسنىيە كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ 1911 - يىلى ۋە 1912 - يىللىرىدىكى بالقان ئۇرۇشىغا قول تىقىپ، ئېغىر خەلقئارالىق جىددىي ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان. 1914 - يىلى سارايېۋو ۋەقەسى تۈپەيلىدىن، گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان.