UyghurMain Dictionary
جىرتاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆز ئەيبناق، كۆز ئېقى بىلەن قارىچۇقى غەيرىي نورمال ھالەت.
«غىلجىق» قۇمۇل سېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قارىغۇلار ئېلىگە ئەلەس پادىشاھ. جىرتاق جىرتايسا، كۆز تاشلىدى دېمە. ئۇز خوتۇنغا جىرتاق ئەر. ئالىغاي قاسساپقا قاراپ، ناۋاينى كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ھەرخىل زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كۆز قاپىقىنىڭ نورماللىقى بۇزۇلغان؛ قىڭغىر، قىيسىق.
جىرتاق ئادەم.
ئى. فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئاشۇنداق ئەيىبكە ئىگە بولغان كىشى.
ھېسامىدىننىڭ چاڭ - توزاندىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزىنىڭ يېشىنى ئېقىتىپ تۇرغان روزى جىرتاققا كۆزى چۈشتى.