UyghurMain Dictionary
جىرغا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئات _ ئۇلاغقا ئاتىدىغان ناسىلكا.
يارىدارلارنى جىرغىدا ئېلىپ ماڭماق.* جىرغا ياسىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
جىرغىماق، جىرغاش. سۇيۇقلۇق تۆشۈكتىن ئېتىلىپ چىقماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
جىرغىماق، جىرغاش. يايرىماق، ئېچىلىپ يارىماق.
بۈگۈن باغ سەيلىسىدە تازا جىرغىدۇق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
دەنجا، ناسىلكا؛ يامغۇر سۈيىدىن ھاسىل بولغان ئۇششاق ئېرىقلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يارىدارلار ۋە كېسەللەرنى توشۇش ئۈچۈن تەييارلانغان سايمان.
جەڭ يار يەردە جىرغا بار. ناسىلكىدا يارىدارلار توشۇلدى. دېھقانلار دەنجا ئېلىپ كېلىپ، يارىدارلارنى توشۇپ تۇردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇلاغ كۈچى ئارقىلىق ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن، ئارغامچا ياكى پالاس قاتارلىقلارنى پاراللېل ئىككى تال ئۇزۇن ياغاچقا ئورنىتىپ ياسالغان ناسىلكا.
جىرغىغا سالماق. جىرغىدا توشۇماق.