UyghurMain Dictionary
جوسېف بوناپارت
دۇنيا تارىخى
(1768 - 1844) فرانسىيىلىك دىپلومات، نېئاپول ۋە ئىسپانىيە كورۇلى بولغان. ناپولېئون Ⅰ نىڭ چوڭ ئاكىسى. قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. كورسكا ئىچكى ئۇرۇشىدا ناپولېئون قاتارلىقلار بىلەن فرانسىيە تەرەپتە تۇرغان. 1796-يىلى ناپولېئون قاتارلىقلار بىلەن فرانسىيە تەرەپتە تۇرغان. 1796-يىلى ناپولېئون بىلەن ئىتالىيە جەڭگە قاتنىشىپ ساردىنىيە پادىشاھلىقى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش توختىمى تۈزۈشكە ھەمكارلاشقان. 1797-يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيىنىڭ پارما ۋە رىمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. ئىجرائىيە ھۆكۈمىتى دەۋرىدە دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى ۋە قانۇن چىقىرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولغان. فرانسىيە - ئامېرىكا <مونقىدام كېلىشىمى>، فرانسىيە - ئاۋسترىيە <لونېۋىل شەرتنامىسى> ۋە فرانسىيە - ئەنگلىيە <ئاۋمېن شەرتنامىسى> نى تۈزۈشكە قاتناشقان. بىرىنچى ئىمپېرىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى مەسىلىسىدە ناپولېئون بىلەن تالاش - تارتىش قىلىپ، لومباردىيە پادىشاھلىق تەختىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. 1806 - 1808 - يىللىرى نېئاپول كورۇلى بولۇپ، بىر نەچچە ئىسلاھاتنى يولغا قويغان. 1808 - 1813 - يىللىرى ئىسپانىيە كورۇلى بولغان. بىر مەزگىل ئىسپانىيە قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مادىرددىن قوغلانغان. ناپولېئون ئىككىنچى قېتىم تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ پاناھلانغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىتالىيىگە كۆچۈپ كېلىپ فلۇرېنىيىدە ئۆلگەن.