UyghurMain Dictionary
جوسېف
دۇنيا تارىخى
(1678 - 1711) ئاۋسترىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1705 - 1711). ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئاتىسى لېئوپولىد Ⅰ قوزغىغان ئىسپانىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇزاق ۋاقىت داۋام قىلغان ئۇرۇش پەيدا قىلغان مالىيە كرىزىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھابىسبۇرگ خاندالىقى زېمىنى دائىرىسىدە مېركانتلىزم سىياسىتى يولغا قويغان.
دۇنيا تارىخى
(1741 - 1790) ئاۋسترىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1765 - 1790 ). 1765 - 1780 - يىللىرى ئاپىسى مارىيە تېرېسا بىلەن بىرگە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى باشقۇرغان. 1780-يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆزى تۇتقاندىن كېيىن، <تەرەققىيپەرۋەر پادىشھلىق تۈزۈمى> نى يولغا قويۇپ، ئىچكى جەھەتتە بىر يۈرۈش ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قوغدىنىش چېگرا بېجى، سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان، يېزىلاردىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 1781-يىلى <پۇقرالارغا ئىجازەت پەرمانى> نى ئېلان قىلىپ، ابىسبۇرگ ۋارىسلىق زېمىنى دائىرىسىدە دېھقانلارنىڭ جىسمانىي بېقىندىلىقىنى بىكار قىلغان؛ 1789-يىلى يەنە <باج - خىراج ئىجازەت پەرمانى> نى ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنىڭ باج تۆلەش ئۆلچىمىنى بەلگىلەپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىغا چەك قويغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاۋستىريە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى فېئودال خوجىلىق زېمىنىنى 13 رايونغا بۆلۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەركەز ئەۋەتكەن باش ۋالىينىڭ باشقۇرشىغا ئۆتۈزۈپ بەرگەن ھەمدە ھەرقايسى مىللىي رايوندا نېمىسلاشتۇرۇشنى يولغا قويغان. چېركاۋنىڭ بىر قىسىم مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىە قىلىپ، دەھرىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كاتولىك دىنىنڭى تەسىرى كۈچىگە چەك قويغان. سىرتقا قارىتا روسىيىگە يېقىنلىشىش، پرۇسسىيىگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاۋسترىيىنىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى ئورنىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. 1772-يىلى بىرىنچى قېتىملىق پولشانى بۆلۈشۈۋېلىش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. 1781-يىلى ئاۋسترىيە - روسىيە ئىتتىپاقىنى تۈزۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بالقان ئەللىرىنى بىرلىكتە بۆلۈشۈۋالماقچى بولغان، بىراق ئۇلارنىڭ تۈركىيىگە قىلغان ئۇرۇشلىرى، ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ ئىشقا ئاشمىغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن يولغا قويغان ئىسلاھاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن.