UyghurMain Dictionary
جېنخەي
دۇنيا تارىخى
دېڭىز پورتى. چىڭشاڭنانمۇ ئۆلكىسىگە جايلاشقان. چاۋشيەن بوغۇزىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ماشەن پورتىغا ئوخشاش ئېسىل دېڭىز پورتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1900-يىلى روسىيە ماشەننىڭ يېنىدىكى لىجوۋىي قولتۇقىنى بېسىۋالغان. ياپونىيە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 1902 - يىلى بۈگۈنكى جېنخەي رايونىنى سېتىۋېلىپ، ھەربىي پورت قىلىپ قۇرۇشقا باشلىغان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا ياپونىيە فلوتى مۇشۇ قولتۇقتا پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇپ، ئاخىرى روسىيە فلوتىنى ساقلاپ تۇرۇپ ياپونىيە دېڭىزىدا جەڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن داڭقى چىقىپ كەتكەن. ياپونىيە چاۋشىيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن مۇشۇ يەردە دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنى تەسىس قىلغان.