UyghurMain Dictionary
جېنجاۋسى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگونىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى تۆت چوڭ مەسچىتنىڭ بىرىدۇر. مەسچىت قۇرۇلۇشى قانىتىنى كېرىپ تۇرغان سۇمرۇغقا ئوخشىشپ كەتكەنلىكتىن، «سۇمرۇغ مەسچىتى» مۇ دېيىلىدۇ. ئورنى جېجياڭدىكى خاڭجۇ شەھىرىنىڭ جۇڭشەنلۇ كوچىسىدىكى ياڭباتۇ مەھەللىسىدە. گۇاڭجۇدىكى خۇەيشېڭ مەسچىتى، چۇەنجۇدىكى چىڭجىڭسى مەسچىتى، ياڭجۇدىكى شەنخې مەسچىتى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. 1670 - يىلىدىكى مەسچىت ئابىدىسىدە ىاتىرىلىنىشىچە، بۇ مەسچىت تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنىپ، كېيىن بۇزۇۋېتىلگەن. 1281 - يىلى ئەلائىددىن قايتا سالدۇرغان. 1451 - يىلىدىن 1493 - يىلىغىچە كېڭەيتىپ رېمونت قىلىنغان. سۇمرۇغ شەكلىدىكى ئىمارەتلەر شۇ چاغدا شەكللىلەنگەن. 1646 - يىلى يەنە قايتا سېلىنغان. 1929 - يىلى شەھەر قۇرۇلۇشى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم قۇرۇلۇشلار چېقىۋېتىلگەنلىكتىن «سۇمرۇغ» نىڭ مۇقىم ئوبرازى بۇزۇلۇپ كەتكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، تاڭ، سۇڭ، چىڭ، سۇلالىرى دەۋرىدىكى ئابىدە تاشلار بولغان. ئەپسۇس بۇلار يوقىلىپ كەتكەن. ھازىر مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى 19 ئابىدە تاش قالغان. بۇلار بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ئەرەبلەرنىڭ قەبرىلىرىگە ئورنىتىلغان ئابىدە تاشلاردۇر. بۇ مەسچىت مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.