Chinese→UyghurMain Dictionary
迦南人
دۇنيا تارىخى
كەنئانلار
پەلەستىن، سۈرىيە ۋەلىۋان دېڭىز بويى رايونلىرىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالە، سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. برونزا قوراللار مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅥⅩ ئەسىرگە كەلگەندە مىسىرنىڭ يېڭى پادىشاھلىقىغ بويسۇنغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى دەۋرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە كەلگەندە كۆچمەن قەبىلە خابلولار (ئېۋرىيلارنىڭ ئاتا - بوۋىسى) پەلەستىنگە بېسىپ كىرگەن ۋە كەنئانلار ئۇلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە كۈرەش قىلىپم، ئاخىر بويسۇندۇرۇلغان. كەنئانلارنىڭ مەدەنىيىتى خابلولارغا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن. كەنئانلار توغرىسىدىكى خاتىرىلەر قەدىمكى مىسىر ئابىدىلىرى ۋە <تەۋرات> لارغا يېزىلغان.
دىن
jiā nán rén
كەنئانلىق، كەنئانلىقللار
ئۇنىۋېرسال
jiā nán rén
كەنئانىلار
Dتارىخ
jiā nán rén
كەنئانلىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كانائانىلار
كانائانىلار <خانەنلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كانائانىلار - غەربىي ئاسىيادىكى پەلەستىن، سۈرىيە ۋە لىۋان ئەتراپىدا ياشىغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ساملار (سېمىتلار) نىڭ بىر تارمىقى. كانائانىلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - 1000 - يىللىرى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىن تارتىپ مېسوپوتامىيىنىڭ شىمالىي قىسىمغىچە بولغان جايلارغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئوتتۇرا دېڭىز بويى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ئۇگارىت، بىبىل ، بېرۇت، سىدون ۋە تىر قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلغان. كانائانىلار كۆپ قېتىم خىتتىتېلار، مىسىرلىقلار، ھىكسوسلار، كېيىنرەك ئارامىلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان.
كېيىنرەك، ئۇلار تارىختا <فىنكىيىلىكلەر> دەپ ئاتالغان.