Chinese→UyghurMain Dictionary
迦勒底人
تارىخ
jiā lè dǐ rén
چالدېنلارDئۇنىۋېرسال
jiā lè dǐ rén
خالدېيلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خالدىئانلار
خالدىئانلار غەربىي ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ساملار (سېمىتلار) نىڭ بىر تارمىقى.
خالدىئانلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000 - يىللىرى ئەتراپىدا، بابىلۇنىيە (بابىل) گە يېقىن پېرسىيە قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا ياشىغان.
خالدىئانلار سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە خالدىئانلار (ئوكارت) تىلىنى قوللانغان ۋە ئەڭ قەدىمكى مىخسىمان يېزىقنى كەشىپ قىلىپ قوللانغان.
خالدىئانلارنىڭ پادىشاھى نابۇپولاسسار (م.ب تەخمىنەن 630 - 605) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 620 - يىلى بابىلۇننى ئىشغال قىلىپ، يېڭى بابىلۇن (<خالدىئانلار پادىشاھلىقى> دەپ ئاتىلىدۇ) پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان.
پادىشاھ نىبوخانېسار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 605 - 562) دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، زېمىنى غەربتە سۈرىيە ۋە پەلەستىن ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىغىچە، شەرقتە مېسوپاتامىيە تۈزلەڭلىكىگىچە يېتىپ بارغان.
بابىلۇن شەھىرىدە ئەينى زاماندا قۇلدارلىق ئىگىلىكى راۋاجلانغان، پەن - مەدەنىيەت گۈللەنگەن، غەربىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئاۋات شەھەرگە ئايلانغان.
بۇ پادىشاھلىق مىلادىدىن ئىلگىرىكى 538 - يىلى پېرسىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
خالدىئانلارمۇ كېيىنكى باشقا مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن.
دۇنيا تارىخى
كالدېلار
سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىغا تارقالغان بولۇپ بىرقانچە شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان شۇڭا بۇ يەر كالدېيە دەپ ئاتىلىپ قالغان. مىلادىدىن 626 يىل ئىلگىرى، كالدېلارنىڭ سەركەردىسى نابوپولاسسا ئاسسۇرىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، بابىلون شەھىرىنى مەركەز قىلغان يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىنى (كالدىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلدۇ) قۇرغان. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى، مېدىيە بىلەن بىرلىشپ ئاسسۇرىيەنىڭ پايتەختى نىنېۋېنى ئىشغال قىلغان، مىلادىدىن 605 يىل ئىلگىرى، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان؛ مېسوپوتامىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇنىڭدەك سۈرىيە، پەلەستىن ئەتراپلىرىنى ئىگىلىۋالغان. نېبۇچادنېزار Ⅱ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى كۆپ قېتىم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، مىسىر بىلەن سۈرىيىدىكى تەسىر دائىرىسىنى تالاشقان. مىلادىدىن 583 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە پادىشاھى كۇروس تەرىپىدىن يوقىتىلغان. كالدېلارنىڭ مەدەنىيىتى قەدىمكى بابىلوندىن بۇيانقى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاسترونومىيە جەھەتتە يېڭى تۆھپە قوشقان. <بابىلون پادىشاھلىقى>غا قارالسۇن.