UyghurMain Dictionary
جەھەننەم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، گۇناھكارلارنىڭ روھى مەڭگۈ ئازاپ چېكىدىغان يەر؛ شۇنىڭغا نىسبەتەن، بۇ دۇنيادىكى پاجىئەلىك، زۇلمەتلىك تۇرمۇش مۇھىتى تەمسىل قىلىنىدۇ.
دوزاخنى كۆرگەن جەننەتنى ئۇنتۇماس. ئاغزى كۆيمىسە دوزاخنىمۇ يۇتۇۋېتىدىغان. جەھەننەمگە ئۆگەنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنمەپتۇ.
بىئولوگىيە
<دوزاخ> قا قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دوزاخ.
جاھىل چېرىك بىر پاي ئوق بىلەن جەھەننەمگە راۋان بولدى.
كۆچمە. ئىنتايىن چوڭقۇر؛ تېگى يوق يەر.
- ئەگەر ئۇ يەر جەھەننەمدە بولسىمۇ، چوقۇم تاپىمەن، - دېدى رۇستەم قەتئىي ھالدا.