UyghurMain Dictionary
جەھرىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوزغىلاڭلىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جەھرىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (1) چەنلۇڭنىڭ 46 - يىلى (1781) سۇشى سەن شۇنخۇادىكى سالارلار ئىچىدە قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇ قوزغىلاڭغا جەھرىيە بىلەن خۇاسى مەسچىتى ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي تالاش - تارتىش سەۋەب بولدى: (2) چەنلۇڭنىڭ 49 - يىلى (1784) تيەن ۋۇ ئاخۇن ليۇ پەنسەندە قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇ قوزغىلاڭدا <مامىڭشىن ئۈچۈن قىساس ئېلىش>، يېڭى دىننى< يوقىتىشقا قارشى تۇرۇش> شۇئار قىلىندى. (3) 1862 - يىلىدىن 1872 - يىلىغىچە ماخۇالۇڭ جىڭجى قورغىنىدا قوزغىلاڭ كۆتۈردى؛ (4) 1895 - يىلى ماكۇاڭكۇاڭ خەييۈندە قوزغىلاڭ كۆتۈردى.