UyghurMain Dictionary
جەڭگىۋار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
جەڭ ۋە كۈرەش قىلىشقا ھەردائىم تەييار تۇرىدىغان، كۈرەش قىلغۇچى، كۈرەشكە قاتناشقۇچى؛ كۈرەشچان.
جەڭگىۋار ئەسكەر، جەڭگىۋار قىسىم.
جەڭ ئورنى قىلىپ بەلگىلەنگەن، جەڭ ئېلىپ بېرىلغان، جەڭ قىزىغان.
دوختۇرخانىلاردا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان كېسەللەر مۇددەتتىن بۇرۇن دوختۇرخانىدىن چىقىپ، جەڭگىۋار ئورۇنغا قايتىپ كەلدى.
جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، جەڭگە ئۆزىنى ئاتىدىغان، جەڭدىن قايتمايدىغان.
- توغرا، مەن جەڭگىۋار دۈينىڭ دۈيجاڭى بولغان، - دېدى ئابلا ئۆپكىدەك ئېسىلىپ.
كۆچمە. كۈرەشكە تەييار ۋە كۈرەش روھىغا ئىگە، جەسۇر.
ئۇلارمۇ قىزىل بايراق بىلەن بىللە ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇشتى - دە، جەڭگىۋار قىياپەتكە كېلىشتى.
كۆچمە. ئىنتايىن مۇھىم، جىددىي، كەسكىن، زۆرۈر.
ئابدۇللا قوماندانلىق شىتابىغا، <پوتەيگە ھۇجۇم قىلىشتەك جەڭگىۋار ۋەزىپىنى ئۆز دوستىغا تاپشۇرۇش> ھەققىدە تەلەپنامە يازغانىدى.