UyghurMain Dictionary
جەڭچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كىشى، ئارمىيىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك خادىم.
«ئەسكەر»، «جەڭچى» ئاكتىپ سۆزلەر، قالغانلىرى پاسسىپ سۆزلەر.
ھەممىلا ئەسكەرنىڭ مارشال بولالىشى مۇمىكىن. بىر چېرىك قوشۇن بولالماس. لەشكەرنىڭ ھەممىسى بولالماس باتۇر، دەشتتە شىر، بۆرە ھەم قاشقىر باردۇر. گېنېرال بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغان جەڭچى ياخشى جەڭچى ئەمەس. يىگىت بولساڭ، يىگىتلىكىڭ بىلەن تونۇل نادان خاننىڭ نۆكىرىمۇ نادان. سىپاھنىڭ چېيى تاتلىق بولسا ئەگەر، ئۇندا شان ئەمەس، رەسۋالىق كۆپىيەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇرۇشقا، جەڭگە قاتناشقۇچى.
كۆچمە. مەلۇم جەڭگىۋار ئاممىۋى پائالىيەتكە قاتناشقۇچى.
بۇرغىلاش جەڭچىلىرى يېڭى يىل بايرىمىنى يەنىلا بۇرغىلاش بىلەن ئۆتكۈزدى.