UyghurMain Dictionary
جازانامە
دۇنيا تارىخى
ۋيېتنامنىڭ تۇنجى سىستېمىلىق يازما قانۇنى. لى تەيزۇڭ زامانىدا، ئالدىنقىلارنىڭ جازا بېرىشىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆديچىگە قانۇن - پەرمانلارنى تەھرىرلەپ ۋە بېكىتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئېلىپ، جازانامە تۈزۈپ چىقى بۇيرۇلۇپ، 1042-يىلى ئېلان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئەسلى تېكىستى يوقاپ كەتكەن. جازانامىدە قاراقچى، ئوغرى، ئەسكەرلىكتىن قاچقانلار توغرىسىدا جازا بەلگىلەنگەن، پۇل تۆلەپ جىنايىتىنى يۇيۇشقا يول قويۇلغان؛ قۇللارنى ئېلىپ - سېتىش ۋە قۇلنىڭ سانىغا چەك قويۇلغان. فېئودال - پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتى قوغدىلىپ، شۇ چاغدىكى جازا بېرىشتىكى قالايمىقانچىىلقلارنى تۈگىتىش ۋە قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقىنى يوق قىلىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جىنايى قىلمىشلار ئۈچۈن كۆرۈلگەن چارە توغرىسىدىكى ھۆكۈم يېزىلغان قەغەز، ھۆججەت.
ئابلا ئۆزىگە بېرىلگەن جازانامىنى كۆرمەكچى بولغاندەك، قوللىرى تىترەيتتى.