UyghurMain Dictionary
جاز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«چوم» گە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەيب ياكى جىنايىتى ئۈچۈن كۆرۈلىدىغان چارە.
ئۆلۈم جازاسى بەرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
ياغاچ ۋە تۈرلۈك مېتاللارنىڭ بىر - بىرىگە چېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان قۇرۇلما.
كۆچمە. نەرسىلەرنى تىزىپ قويۇش ياكى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل شەكىلدىكى قۇرۇلما.
كىتاب جازىسى.
نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىغا ھەر خىل شەكىلدە بېكىتىلگەن گىرۋەك، رام.
ئەينەك جازىسى.
كۆچمە. ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان، ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان بىر خىل ئادەت؛ كىبىر.
جازا پەيدا بولماق. جازىسى ئۈستۈن.