UyghurMain Dictionary
يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە: ئەمەلىي ئەھۋالغا، كۈچ - قۇۋۋەتكە قاراپ ئىش كۆرمەك.
شامالغا قاراپ خامان سورۇش كېرەك، _ دېدى ئەكبەر، _ يېڭى كەلگەن شۇجى بىلەن چىقىشىۋېلىش لازىم. ئارزۇ - ئارزۇ. ئەمەلىي ئىشتا بولسا، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھەر ئادەم تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا، ماددىي شارائىتىغا يارىشا ئىش كۆرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ: - يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنساق بولارمىكىن، «خېنىم»، - دېدى ئېرى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ.