UyghurMain Dictionary
يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى
بىئولوگىيە
چەكسىز گۈل رېتىنىڭ بىر خىلى. گۈل ئوقىنىڭ ئۇچى يوغىناپ ئوتتۇرىسى ئويمانلىشىپ خالتىسىمان ھالغا كېلىدۇ، گۈل خالتىسىمان تەنچىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا ئۆسىدۇ، گۈلى سىرتتىن كۆرۈنمەيدۇ، خالتىسىمان تەنچىنىڭ ئۇچىدا بىر تۆشۈك بولۇپ سىرت بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ھاشارات مۇشۇ تۆشۈك ئارقىلىق خالتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ چاڭ تارقىتىدۇ. ئەنجۈر دەرىخىنىڭ مېۋىسى يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتىدىن ھاسىل بولىدۇ. كىچىك يوپۇرماقلىق ئەنجۈر دەرىخىنىڭ گۈل رېتىمۇ يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتىگە كىرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوتانىكا
گۈل رېتىنىڭ بىر تۈرى. ئوقىنىڭ ئۇچى چوڭىيىپ، ئوتتۇرا قىسمى تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇپ خالتا ھاسىل قىلغان، گۈللىرى خالتا ئىچىگە جايلاشقان بولىدۇ. سىرتتىن قارىغاندا كۆرگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئەنجۈرنىڭ گۈل رېتىگە ئوخشاش.