Uyghur←ChineseMain Dictionary
يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى
بىئولوگىيە
隐头化序
yǐntóuhuàxù
چەكسىز گۈل رېتىنىڭ بىر خىلى. گۈل ئوقىنىڭ ئۇچى يوغىناپ ئوتتۇرىسى ئويمانلىشىپ خالتىسىمان ھالغا كېلىدۇ، گۈل خالتىسىمان تەنچىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا ئۆسىدۇ، گۈلى سىرتتىن كۆرۈنمەيدۇ، خالتىسىمان تەنچىنىڭ ئۇچىدا بىر تۆشۈك بولۇپ سىرت بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ھاشارات مۇشۇ تۆشۈك ئارقىلىق خالتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ چاڭ تارقىتىدۇ. ئەنجۈر دەرىخىنىڭ مېۋىسى يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتىدىن ھاسىل بولىدۇ. كىچىك يوپۇرماقلىق ئەنجۈر دەرىخىنىڭ گۈل رېتىمۇ يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتىگە كىرىدۇ.