يوپۇرماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكنىڭ ۋېگېتاتىپ ئەزالىرىدىن بىرى. ئادەتتە يوپۇرماق ئالىقىنى بىلەن يوپۇرماق سېپىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئومۇمەن يېشىل ۋە ياپىلاق بولىدۇ. ئۇنىڭ گۆش ھۈجەيلىرىدە خلوروپلاست بولغانلىقى ئۈچۈن، كۈن نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئوزۇقلۇق ماددا ئىشلىيەلەيدۇ. شۇڭا يوپۇرماق ئوزۇقلۇق ئىشلەيدىغان ئەزا ھېسابلىنىدۇ.