UyghurMain Dictionary
يوپۇرماقسىمان شاخ
بىئولوگىيە
سىرتقى شەكلى ياپىلاق، يېشىل بولغان، يوپۇرماققا ئوخشايدىغان، ھالەت ئۆزگەرتكەن شاخ. يوپۇرماقسىمان شېخى بولغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى رۇدىمېنتلىشىپ ئىنچىكە كىچىك تەڭگىچە يوپۇرماققا ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ فوتوسىنتېز رولىنى يوپۇرماقسىمان شاخ ئېلىپ بارىدۇ، گۈل يوپۇرماقسىمان شاختىن بىۋاسىتە ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن، رۇسكۇس دەرىخى، مۇرچۇبا، دورىلىق مۇرچۇبا، ياپىلاق قامچىئوت قاتارلىقلار.