UyghurMain Dictionary
يېنى بوش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يانچۇقى قۇرۇق، يېنىدا پۇلى يوق، كەمبەغەل.
ياردەم قىلغۇم بار، لېكىن، سىلەر، بىلىسىلەر يېنىم بوش. مەن يېنىم قۇرۇق، قولۇم قىسقا، ئاران كېتىۋاتىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يانچۇقى قۇرۇق، پۇلسىز، كەمبەغەل.
ئۇ بەزىدە يېنى بوش بولغىنى ئۈچۈن قاۋاقخانىغا كىرەلمەيتتى - دە، ئۇدۇلدىكى دوڭغاق تېرەككە يۆلىنىپ لىرانىڭ دىدارىغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى.