UyghurMain Dictionary
يېنا جېڭى
دۇنيا تارىخى
1806 - يىلى ناپولېئون پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان جەڭ. تۆتىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق مەزگىلىدە، ناپولېئون 1806 - يىلى 01 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئارمىيىسىنى باشلاپ پرۇسسىيىنىڭ ئىتتىپاقداش شتاتى ساكسونىيىگە بېسىپ كىرگەن ھەمدە تېزلىكتە شىمالغا ئىلگىرىلەپ، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلماقچى بولغان. 14 - كۈنى يېنا (ھازىرقى گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىدە) دا گېرتسوگ خوخېنلوخ باشچىلىقىدىكى پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان. ناپولېئون باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى تارمار قىلغان. شۇ كۈنى مارشال داۋۇت (1770 - 1823) مارشال باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى ئائۇئېرستاددا گېرتسوگ برانشىۋېك باشچىلىقىدىكى پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ يەنە بىر ئاساسىي كۈچىنى مەغلۇپ قىغان. بۇ قېتىمقى جەڭ پرۇسسىيىنى ھەربىي جەھەتتە ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان.