UyghurMain Dictionary
يىلانبېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
يىلانبېلىق بىر خىل غەلىتە بېلىق بولۇپ، ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى دېڭىز - ئوكياندا، يېرىمىنى دەريالاردا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ھەر يىلى قىش كىرگەندە دەريالاردىن دېڭىزغا ئۈزۈپ كىرىپ، شىشا تاقىم ئاراللىرى ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دېڭىزنىڭ ياكى باشقا دېڭىزنىڭ400 −500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىغا چۈشۈپ تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىنكى يىلانبېلىق بېلىجانلىرى يەنە توپ - توپ بولۇپ بەس - بەستە ئېقىنغا قارشى ئۈزۈپ، دەريالارغا قايتىپ كېلىپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بۇ بىر خىل يۇقىرى ئېقىمغا كۆچۈش ھادىسىسىدۇر.
يىلانبېلىق يۇقىرى ئېقىمغا كۆچۈش جەريانىدا شارقىراتما، توسما قاتارلىقلارغا يامىشىپ چىقىپلا قالماستىن ھەتتا چوڭ - چوڭ ھۆل تاشلاردىن ئۆمىلەپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىدە تۆت ئەتراپى ئېتىز بىلەن قورشالغان كۆلچەكلەردىنمۇ يىلانبېلىقنى تۇتقىلى بولىدۇ.
يىلانبېلىق دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن يۇقىرى ئېقىمىغا قاراپ كۆچىدۇ، ئۇ دېڭىزدا تۇخۇمدىن چىقىپ دەريادا چوڭىيىدۇ. ھەر يىلى كۈزدە يېتىلگەن يىلانبېلىق كۈمۈش رەڭ توي كىيىمىنى كىيىپ، سەپەر قىلىپ تۇخۇم تۇغۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ. يىلانبېلىق ئۇزۇن سەپەر قىلىپ، نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، ئاخىر چارچاپ ھالىدىن كېتىپ تۇخۇم تۇغىدىغان مەيدانغا بېرىپ، چېتىشىپ تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
تۇخۇمدىن يېڭى چىققان يىلانبېلىقنىڭ بېلىجىنى كىچىك بولۇپ، شەكلى سۆگەت يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ، تېنى ناھايىتى سۈزۈك بولۇپ «سۆگەت يوپۇرماق بېلىجىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار دېڭىز ئېقىنىنى بويلاپ لەيلەپ يۈرۈپ دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا كېلىپ، ھالەت ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېتىلىپ سۈزۈك، ئاق، يىپسىمان «ئەينەك يىلانبېلىق» قا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن دەريا ئېقىنىغا قارشى ئۈزۈپ، بارلىق كۈچى بىلەن دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا ئۈزۈپ بارىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي تېنىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىپ قارىداپ «يىپسىمان يىلانبېلىق» قا ئايلىنىدۇ. تاتلىق سۇلۇق ياشاش ئورنىغا بارغاندىن كېيىن، ئۆسۈش، يېتىلىش ئارقىلىق تېنىنىڭ رەڭگى يەنە قوڭۇر سېرىققا ئۆزگىرىدۇ. بۇ چاغدا «سېرىق يىلانبېلىق» دەپ ئاتىلىدۇ. دەريادىن دېڭىزغا كۆچۈشنىڭ ئالدىدا تېنىنىڭ رەڭگى كۈمۈش رەڭگە ئۆزگىرىپ «ئاق يىلانبېلىق» قا ئايلىنىدۇ.
يىلانبېلىق ئادەتتە دەريانىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشايدۇ، ئۇششاق بېلىق، ئۇششاق راك، سۇ ھاشاراتلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.
سۇ مەھسۇلاتلىرى
يىلانبېلىقنىڭ گۆشى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ناھايىتى ياخشى قۇۋۋەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. دائىم يىلانبېلىقنى ئىستېمال قىلغاندا ھاردۇقنى چىقارغىلى، پەي ۋە سۆڭەكنى چىڭىتقىلى، ھۆللۈكنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
ھازىرغا قەدەر يىلانبېلىق تەبىئىي كۆپىيىدۇ، سۈنئىي كۆپەيتىش تېخنىكىسى تېخى ھەل بولغىنى يوق، تەبىئەت دۇنياسىدىن يىلانبېلىق سورتىنى ئېلىش ئارقىلىقلا سۈنئىي بېقىشقا بولىدۇ.
يىلانبېلىقنىڭ ئالدى بىلەن «ئاپا»، ئاندىن «دادا» بولۇشتەك ئاجايىپ فىزىئولوگىيىلىك ئادىتى بار، بۇ پەندە «جىنسنىڭ ئەكسىگە ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى» دەپ ئاتىلىدۇ، يىلانبېلىق تۆرەلمىسى يېتىلىش جەريانىدا ئوڭ يېنىدىكى كۆپىيىش لىنىيىسى چېكىنىپ، سول يېنىدا تۇخۇمدان بولۇپ يېتىلىدۇ. تۇخۇم ھاسىل بولغاندىن كېيىن بۇ كۆپىيىش لىنىيىسى يەنە ئۇرۇقدان بولۇپ يېتىلىدۇ. شۇڭا، بىز بازارلاردا كۆرۈۋاتقان چوڭ يىلانبېلىقلىرىنىڭ تېنى46 سانتىمېتىردىن ئۇزۇن بولسىلا ئاساسىي جەھەتتىن ئەركەك يىلانبېلىققا كىرىدۇ.
يىلانبېلىق ئادەتتە ئادەم چىشلىمەيدۇ، تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىن ئەركەك، چىشى سۇ يىلانلىرى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغاندا، ئەگەر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم كۈشەندىلىرىنىڭ دەخلى - تەرۇزىغا ئۇچرىسا ئۇلار ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، ئادەم ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا تەگسىمۇ، يىلانبېلىق ئادەمنى چىشلىۋالىدۇ.
يىلانبېلىقنى سۈنئىي بېقىشتا سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، سۇ كىرىش - چىقىش قۇلايلىق جايلارنى تاللاپ كۆل ياساش كېرەك. يىلانبېلىق كامارغا كىرىۋېلىشقا ئامراق، كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ كېچىسى چىقىدىغان بولغاچقا، كۆلمۇ ئۇنىڭ كامار ئېچىش ئادىتىگە باپ كېلىشى ھەم ئۇنىڭ سىرتقا قېچىشىنى توسۇيالايدىغان بولۇشى لازىم. يىلانبېلىق قورسىقىغا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، سازاڭ، سەدەپ قۇلۇلىسى، بۇرمىسىمان قۇلۇلە، پاقا گۆشى قاتارلىقلارنى ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدۇ، پىلە لىچىنكىسى، چىۋىن قۇرتى، ھايۋانلارنىڭ پىشۇرۇلغان ئىچكى ئەزالىرى، قان، بېلىق پاراشوكى، دۇفۇ تىرىپى، كۆكتات تىرىپى، كېپەك، گۈرۈچ توپىنى، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار ئۇ دائىم يەيدىغان ياخشى يېمەكلىكلەر. ھەر يىلى6 - ئايدىن8 - ئايغىچە بولغان مەزگىل ئۇنىڭ كۆپىيىش پەسلى.4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن بېقىپ،11 - ئاينىڭ ئاخىرى تۇتۇلىدۇ، ئادەتتە ئېغىرلىقى100 −200 گرامغىچە بولىدۇ.
بىئولوگىيە
بېلىقلار سىنىپى، يىلانسىمانلار ئەترىتىنىڭ يىلانبېلىق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تېنى ئىنچىكە، ئۇزۇن يىلان شەكلىدە. تېنىنىڭ ئاخىرقى قسىمى سەل يېنىچە ياپىلاق، بېشى ئۇزۇن ھەم ئۇچلۇق، ئۈستۈنكى تۆۋەنكى جاغلىرىدا ئۇچلۇق كىچىك چىشلىرى بار. ژابرا تۆشۈكى كىچىك، يان سىزىقى بار. تەڭگىچىلىرى ئۇششاق ھەم ئۇزۇن بولۇپ، ئېپىتېلىيىسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. تېرىسى قېلىن، شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى كۆپ، كۆكرەك پالاقچىسى قىسقا - يۇمىلاق، قورساق پالاقچىسى يوق، دۈمبە، ساغرا پالاقچىلىرى پەس ھەم ئۇزۇن بولۇپ، قۇيرۇق پالاقچىسىغا تۇتىشىپ كەتكەن، قۇيرۇق پالاقچىسى قىسقا - يۇمىلاق، ئومۇرتقا سۆڭەلىرى 260 قا يېتىدۇ. ئاشقازىنىدا سوقۇر خالتىسى بار. دۈمبىسى تۇتۇق كۈل رەڭ، قورساق تەرىپى كۈل رەڭ ياكى سەل سارغۇچراق بولۇپ، داغ چېكىتلىرى بولمايدۇ. دەريا ئېقىمىنى بويلاپ تۆۋەنلەپ ئۈزۈپ كۆچىدىغان بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە يېتىلگەن يىلانبېلىقلار توپ - توپ بولۇپ چوڭقۇر دېڭىزلارغا ئۈزۈن بېرىپ تۇخۇم سالىدۇ. قەيەرلەرگە تۇخۇم سالىدىغانلىقى تېخى تەكشۈرۈش ئۈستىدە، بېلىجانلار سۆگەت يوپۇرمىقى شەكلىدە، سۈزۈك بولۇپ، يوپۇرماقسىمان لىچىنكىسى (ياكى يوپۇرماق شەكىللىك يىلانبېلىق يەنى لېپتوتسېفالۇس، leptocephelus دېيىلىدۇ) ئەتىياز پەسلىدە ھالەت ئۆزگەرتىپ يىلانبېلىق يىپچىسىغا ئايلىنىپ توپ - توپ بولۇشۇپ، دېڭىزلاردىن دەريا ئېغىزلىرىغا كېلىپ، سۇ ئېقىمىغا قارشى ئۈزۈپ دەريا - كۆللەرگە كىرىدۇ؛ ئاز ساندىكىلىرى ھەتتا دەريالارنىڭ باش ئېقىنىغىچە بارىدۇ. شۇ يەرلەردە ئۆسۈن يوغىنايدۇ. ئەركەك يىلانبېلىقلار تاتلىق سۇلاردا ئىككى - ئۈچ يىل ياشايدۇ، چىشى يىلانبېلىقلار ئۈچ - تۆت يىل ياشىغاندىن كېيىن دەريادىن تۆۋەنلەپ ئۈزۈن كۆچۈشكە باشلايدۇ. كىچىك بېلىق، قىسقۇچپاقا، راك، سازاڭ قۇرت، سۇدا ياشايدىغان ھاشارات ۋە قاسىراقلىق ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئادەتتە كېچىسى ھەرىكەتلىندۇ. قىش پەسلىدە ئوزۇقلانمايدۇ، دەريادا تۆۋەنلەپ ئۈزۈپ كۆچكەن مەزگىلدىمۇ بىر نەرسە يېمەيدۇ. ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، سۇدىن ئايرىلغان مەزگىلى سەل ئۇزىراپ كەتسىمۇ ئاسان ئۆلۈپ قالمايدۇ. ئەڭ چوڭ ئىندىۋىدلىرى 80 سانتىمېتردىن، ئېغىرلىقى بىر كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. چاڭجىياڭ، مىنجياڭ، جۇجياڭ دەريالىرىدا ھەم خەينەنداۋ، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان. چاۋشىيەن، ياپونىيىلەردىمۇ چىقىدۇ. گۆشى يۇمشاق، مەززىلىك، ماي تەركىبى كۆپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى خېلى مول بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىك بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيىدە ئاللىقاچان بېقىپ كۆپەيتىش ئوبيېكىتىگە ئايلانغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىمۇ يىلانبېلىق يىپچىلىرى سۈنئىي بېقىپ كۆپەيتىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىلدى. يېقىندىن بۇيان مەملىكىتىمىز ۋە ياپونىييلەردە يىلانبېلىق سۈنئىي كۆپەيتىلمەكتە. يېقىن تۈرلىرىدىن مارموراتا يىلانبېلىقى (چىپار يىلانبېلىق، A.morata) جۇڭخۇا يىلانبېلىقى A.sinensis( ھەم ياۋروپا دەريا يىلانبېلىقى )A.anguilla( ئامېرىكا دەريا يىلانبېلىقى )A.rostrata، قاتارلىقلار بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يىلان + بېلىق
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل بېلىق. تېنى يىلانغا ئوخشاش بولۇپ، تەڭگىچىلىرى بولمايدۇ. رەڭگى سارغۇچ كۈل رەڭ كېلىدۇ. ئۈستىدە قارا رەڭلىك سەپكۈنلىرى بولىدۇ. سۇ بويىدىكى پاتقاقلىقلاردا ياشايدۇ.