UyghurMain Dictionary
يىل
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يەل، شامال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۈتۈن بىر يىل.
ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن ئىشلەپ، قالدىم لېۋىمنى چىشلەپ. يىل ئون ئىككى ئاي ئارام يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت بىرلىكى، يەر شارىنىڭ كۈن ئەتراپىدا بىر ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت.
بىر يىل 365 كۈن ئالتە سائەت توققۇز مىنۇت 10 سىكۇنت. ئاتىسى ئۆلگەننى يەتتە يىل قوغلاش. يىل يۈر، ئامان يۈر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يىل.
بىر يىل كەچتى _ بىر يىل ئۆتتى.
3 - 4
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
كالىندار ھېسابىدا يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت. بىر يىل 365 كۈن بەش سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت. بىر يىل تۆت پەسىل، 12 ئاي بولىدۇ.
باشقىلار
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يىل
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شامال، يەل
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش مۇددىتى؛ يەنى ئون ئىككى ئايغا تەڭ ۋاقىت.
يىل بېشى. يىل ئوتتۇرىسى. يىل ئاخىرى.
بىر مىڭ توققۇز يۈز توقسان يەتتىنچى يىل.
بىرەر ۋەقە، ھادىسە يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ئۆتكەن ئون ئىككى ئايلىق ۋاقىت.
ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىرگىلى ئۈچ يىل بولدى.
ئون ئىككى ئايلىق ۋاقىت ھېسابلىنىدىغان كالېندار سىستېمىسى.
يېڭى يىل. مىلادىيە يىلى. ھىجىرىيە يىلى. شەمسىيە يىلى. قەمەرىيە يىل ھېسابى.
<ئاستر> بىرەر پىلانېتىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ ئۆتۈش مۇددىتى.
مارس يىلى. يۇپىتېر يىلى.
مۈچەل يىل ھېسابىدىكى ئون ئىككى مۈچەلنىڭ ھەربىرى.
قوي يىلى. ئات يىلى.
كىشى ئۆلگەندىن كېيىن، بىر يىل توشقاندا بېرىلىدىغان نەزىر.
يىلنى قىلماق. يىلنى بەرمەك.
كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ، مۇئەييەن تەرتىپ سانلاردىن كېيىن كېلىپ، ئون يىللىق مۇددەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئوتتۇزىنچى يىللار. سەكسىنىنچى يىللار.