UyghurMain Dictionary
يەھۇدىي دىنىچە تەپسىر قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> نى تەپسىر قىلىش شەكىللىرىنىڭ بىرىبولۇپ، مۇفەسسىرلەرنىڭ قۇرئاننى <ئىنجىل> دىكى قىسسەلەر بويىچە تەپسىر قىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دىكى بەزى سۈرە - ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن <ئىنجىل> دىكى قىسسەلەردە قەدىمكى ئەرەب قىسسەلىرى مەنبە قىلىنغان. بەزى مۇفەسسىرلەر بۇ قىسسەلەرنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگەندە كۆپ ھاللاردا <تەۋرات> نى ۋە <تەۋرات> نىڭ تەپسىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تەپسىر قىلغان. دەسلەپكى چاغلاردا ئىسلام دىنىغا كىرگەن يەھۇدىيلارمۇ يەھۇدىيلارنىڭ قىسسەلىرىنى قۇرئان تەپسىرىگە كىرگۈزگەن. بۇنى مۇسۇلمانلار قوبۇل قىلغان. شۇڭا <يەھۇدىي دىنىچە تەپسىر قىلىش> دەپ ئاتالغان. ئىبنى خەلدۇن <تارىخ مۇقەددىمىسى> ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: <ئەرەبلەر ساۋاتسىز كۆچمەنلەر بولغاچقا، ئادەتتىكى كىشىلەردەك تەلەينىڭ سەۋەبلىرىنى، دۇنيانىڭ يارىتىلىش ئەھۋالىنى، ھاياتلىقنىڭ سىرلىرىنى بىلىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنىڭ ياكى خرىستىئانلاردىن تەلىم ئالدى... شۇنىڭ بىلەن >قۇرئان كەرىم< نىڭ تەپسىرىدە دىنىي ئەھكاملار بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان مۇشۇنداق نەرسىلەر تولۇپ كەتتى؛ ئۇلارغا ئەمەل قىلىش ياكى ئۇلارنى ئىنكار قىلىشقا ئەرەبلەرنىڭ قۇربى يەتمىدى. مۇفەسسىرلەر ئۇلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تەپسىردە يەھۇدىي دىنىچە ۋە خرىستىئان دىنىچە رىۋايەتلەر تولۇپ كەتتى.