UyghurMain Dictionary
يەھياخان
دۇنيا تارىخى
1917 - 1980 پاكىستان زۇڭتۇڭى (1969 - 1972). پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ھىندىستان ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1939 - يىلىدىن باشلاپ ئارمىيىدە ئوفىتسېر بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەرەب ئەللىرىگە بارغان، كېيىن ئىتالىيىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىگە تۇتقۇن بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا قېچىپ چىققان، ئۇرۇشتىن كېيىن كۋېتتا شتاب ئوفىتسىرلىرى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. 1957 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق شتابى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە فېدېراتسىيە كاپىتال كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1960 - يىلى كاپىتال ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1962 - 1964 - يىللىرى شەرقىي پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1966 - يىلى 9 - ئايدىن 1971 - يىلغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى بولغان. زۇڭتۇك بولغان مەزگىلدە شەرقىي پاكىستان خەلق ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ھەربىي جەھەتتىن باستۇرۇپ، شەرقىي پاكىستاننىڭ پاكىستاندىن بۆلۈنۈپ چىقىپ بىنگال دۆلىتى قۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.1972 - يىلى نەزەربەند قىلىنىپ، 1974 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن.