UyghurMain Dictionary
ياقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتنى تۇتاشتۇرماق، ياندۇرماق.
يېقىشنى بىلسەڭ قارمۇ يانار. كۆپ ياققان ئۆت كۆككە كېتەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوت ئالدۇرماق.
ئۆچۈرمەك
كۆيۈشتىن توختاتماق.
كۈن كۆرمىگەن كۈن كۆرسە، كۈندۈزى چىراغ ياقار. كېتىمەن دەپ ئوتۇڭنى ئۆچۈرمە. يېقىشنى بىلسەڭ قارمۇ يانىدۇ، يېقىشنى بىلمىسەڭ مايمۇ يانمايدۇ. ئوتنى ئۆچۈرۈپ، چوغىنى قويماق ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس. ئوت ئۆچۈرۈشكە ئوتۇن ئاپىرىپتۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خۇشال بارماق، ماس كەلمەك؛ يېقىنلاشماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ياقماق، سۈرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دىلغا، خاھىشىغا ماس، مۇناسىپ، باب، خوپ كەلمەك، ماقۇل كۆرمەك، يارىماق؛ مىجەزىگە خىل كەلمەك، توغرا كەلمەك.
ئەلگە ياققان خار بولماس (ماقال). * بەرگەن ئالغانغا يېقىپتۇ بەرمىگەن دەريادا ئېقىپتۇ (ماقال).
قولۇمدىن كەلگىنى كۆڭۈلمگە ياقماس، كۆڭلۈمگە ياققىنى قولۇمدىن كەلمەس (ماقال).
پايدا قىلماق، خىل كەلمەك.
بۇ دورا ماڭا ياقتى.

بىر نەرسىنى ئىككىنچى بىر نەرسىگە يېقىن ئەكىلىپ تەگكۈزمەك، چاپلىماق.
كۈندۈزى گەپ قىلساڭ، ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ، قۇلاقنى قۇلاققا ياق (ماقال).
بىر نەرسىنى ئىككىنچى بىر نەرسىنىڭ يۈزىگە چاپلاپ تۇرغۇزماق.
نان ياقماق.
ناننى تونۇرغا ياق، ئاتنى ئوقۇردا باق (ماقال).
سۈركەپ، چېپىپ مەلۇم ئىز قالدۇرماق، پەيدا قىلماق.
قوللىرىڭغا خeنە يېقىپسەن قىرمىزى، لالەئىرۇرسەن موللا ھاپىزنىڭ قىزى.