UyghurMain Dictionary
يانتاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېخىدا سانجىيدىغان نەشتىرى بار چاتقاللار ۋە ياكى پاكار غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر.
تىكەن بولۇپ پۇتقا كىرگۈچە، چىمەن بولۇپ باشقا قادال. سېنىڭ پۇتۇڭغا كىرگەن تىكەن، مېنىڭ كۆزۈمگە كىرسۇن. ئالتۇن توشۇيدىغان تۆگىنىڭ يەيدىغىنى شۇ يانتاق. تۆگىنىڭ مەيلى بولسا يانتاققا بوينىنى ئېگەر. خۇخا سانجىلسا، جاندىن ئۆتەر. شوخسىدىن قورقما، پۇتىقىدىن قورۇق. چىتلاققا جىغان كېرەك. يەر قېرىسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن قېرىسا ئۇرۇشقاق. بىر ئۇرۇشقاقتىن قورۇق، بىر بۇدۇشقاقتىن.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يانتاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
ئېگىزلىكى 40 - 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، قاتتىق بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، قاتتىق، ئۇزۇنچاق
تۇخۇمسىمان، يوپۇرماق يۈزى يېشىل، دۈمبىسى ئاقۇچ كۈل رەڭ، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۇزۇن قاتتىق تىكىنى بولىدۇ. بىرقانچە گۈللىرى تىكەنگە
ئوخشاش ئومۇمىي ئوقىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كېپىنەك شەكلىدە، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن، قاسىراقلىق مېۋىسى تەسۋىسىمان بولىدۇ. ئۇرۇقى
دۈگىلەك، رەڭگى قارامتۇل بېغىر رەڭ كېلىدۇ. يازدا شاخلىرىدىن ئاقۇش سېرىق رەڭلىك شىلىمشىق شېكەر شىرىسى ئاجرىلىپ چىقىپ، كىچىك
دانىچە بولۇپ قېتىپ قالىدۇ، بۇ يانتاق شېكىرى دېيىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شېكەر يېلىملىرى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يازدا رەخت ياكى قەغەزنى تېگىگە يېيىپ، كىچىك تاياق بىلەن
يانتاقنىڭ غول شاخلىرىنى قېقىپ، قېتىپ قالغان شېكەر يېلىملىرىنى چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن يوپۇرماق ۋە باشقا ئارىلاشمىلىرىنى
چىقىرىۋېتىپ ياكى غول شېخىنى ئوتقا قاقلاپ شېكىرىنى چىقىرىپ، ئۇرۇقىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ
ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بوز يەر ۋە جاڭگاللاردا،
بولۇپمۇ تۇرپاندا كۆپ ئۆسىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەينى قۇرۇتۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام يانتاق شېكىرىنى يۇمشاق سوقۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تولغاق، ئىچ سۈرۈش ۋە قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل يانتاق ئۇرۇقىنى ئېزىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يانتاق شېكىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ئاغرىق توختىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. شاخلىرىدا ئۇزۇن تىكەنلىرى بولىدۇ. بۇ تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ياۋا ئۆسۈملۈك ئىسمى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
بىر خىل تىكەنلىك ئۆسۈملۈكنىڭ نامى؛ يانتاق.