UyghurMain Dictionary
يانپاش سۆڭەك
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بەلبېغىدىكى ئۈچ تەركىبىي قىسىم، يەنى سۆڭگەچ (يانپاش سۆڭەك)، ئۇيات سۆڭىكى ۋە ئولتۇرۇش سۆڭىكىنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان بىر ئىسكىلىت تۈزۈلۈش. ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ داس سۆڭىكى ئوڭ - سول نامسىز سۆڭەكلىرىنىڭ توققۇز كۆز بىلەن بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. ئەسلىدىكى يانپاش (سۆڭگەچ) سۆڭەك، ئۇيات سۆڭىكى ۋە ئولتۇرۇش سۆڭەكلىرىنىڭ بىرلىشىش ئورنىدا ئېنىق بىر سۆڭەك ئويمىنى بولۇپ، يانپاش مۇجۇقى (ئويۇقى) دېيىلىدۇ. يوتا سۆڭىكىنىڭ باش قىسمى شۇ يەردە يانپاش بوغۇمى شەكىللەندۈرۈپ ھەرقايسى يۆنىلىشلەر بويىچە ھەرىكەتلىنەلەيدۇ.