UyghurMain Dictionary
ياماشماقⅡ(يا:ماشماق)
ياماشماقⅡ(يا:ماشماق)[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە ئېسىلىپ يۇقىرى ئۆرلىمەك، چىقماق:[مىسال:] ماشنىغا ياماشماق. تاغقا ياماشماق. * ئۇ جاقىلدىغان ھالدا قىرغاقتىكى مۇزغا يامىشاتتى، ئەمما چىقالمايتتى.[يەشمىسى:] ② ئېسىلماق، يېپىشماق:[مىسال:] ئاغزىمدىن چىقتى، ساقىلىمغا ياماشتى (ماقال).[يەشمىسى:] ③ پەيدا بولماق، ھاسىل بولماق؛ ئەگىمەك، قاپلىماق، كۆرۈنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاۋازى غەزەپلەنگەنلىكتىنمۇ ياكى يىغا ياماشقانلىقتىنمۇ غەلىتە تىترەپ چىقتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىقىشقا تىرىشماق، ئۇرۇنماق، تەلپۈنمەك:[مىسال:] ئاداش، خاتىرجەم بول، مەن بۇنداق پەسكەش يول بىلەن يۇقىرىغا ياماشمىساممۇ، ھازىرقى ئورنۇم يېتىپ ئاشىدۇ، دېدىم تۇرسۇنغا زەردە بىلەن. * ئامىنە، مەن سىزنىڭ دادىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ پۈتۈن ئۆمرى يۇقىرىغا يامىشىش بىلەن ئۆتكەن ئادەم، ئۇ ئۆزىنىلا ئويلايدۇ.