UyghurMain Dictionary
يامان
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
(يا: ماق، ئىملاسى يارماق). بۇرۇن ئىشلىتىلگەن، مىستىن، تۇچتىن ياسالغان پۇل.
بىر يارماقنىڭ ئۈستىدە تىك تۇرماق (ماقال). * دوستۇم مېنى بىر يارماققا ئالمىغىنى بىلەن، مەن دوستۇرمنىڭ بىر تال چېچىنى ئالەمگىمۇ ساتمايمەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كىيىم كېچەكنىڭ يىرتىلغان يېرىگە ئۈستىدىن يامالغان يەر ۋە شۇنداق يامايدىغان لاتا.
ياماق ياماپ، يارماق تاپ (ماقال). * مەينى لايىقىدا ئىچكەن ياخشىراق، كۆپ ئىچسەڭ ئەقلىگە چۈشىدۇ يامان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ياسايدىغان دەرىجە رەۋىشلىرى.
ئەڭ مۈشكۈل كەسىپ كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. ناھايىتى چوڭ ئىشلارمۇ كىچىك ئىشلاردىن چىقىدۇ. ئىنتايىن زۆرۈر بولمىسا، ئۇرۇشتىن توختاپ سۈلھ تۈز. مەردلىك ئەمەس، شەكسىز، جاھىل ھاياجان، يەرگە يىقىلغاننى تەپمەك بەك ئاسان. بۈگۈنكى ئويۇن تازا قىزىدى. مېنىڭسىز ئىشلىرى يۈرۈشەر تازا، بىرەر سۆز قىلىشىم ياراشماس ئاڭا. ئادەمنىڭ راسا كەمتەر ۋاقتى ئۇلۇغلۇققا تازا يىقىنلاشقان چېغى. بۇ بالا يامان ياخشى بالا ئىكەن. ئەجەب ياخشى بوپتۇ، بۇرنۇڭغا سۇ كىرىپتۇ. گاداينىڭ ئۇيقۇسى ئاجايىپ قاتتىق. ھايات _ قالتىس ھۈنەر. زەپ چىرايلىق كەلدى باھار. غايەت زور نەيىجە ياراتساڭمۇ مەغرۇرلارنما. مەن ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياخشى ئەمەس، سۈپىتى تۆۋەن، خۇي - پەيلى بۇزۇق، يېقىمسىز، كۆڭۈلسىز، زىيانلىق.
يامان ئىشنىڭ پۇتى يوق، تېز يۈگۈرىدۇ. يامان بىلەن يولداش بولما، نادان بىلەن سىرداش. ياماندىن يىراق قاچ. ياخشىغا كۆرۈم يوق، يامانغا ئۆلۈم. ناچار بىلەي تېز خورايدۇ. ياخشى قوشنا دەردكە دەۋا، ئوسال قوشنا باشقا بالا. ئەسكى تۆمۈردىن شەمشەر پۈتەمدۇ؟ يالغانچىنىڭ سۆزى قانچە چىرايلىق بولسا، شۇنچە قەبىھتۇر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سەلبىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلمايدىغان، كەمچىلىكى كۆپ، ئومۇمىي ئۆلچەمگە توشمايدىغان، سۈپەتسىز.
ياخشى ، ئوبدان، ئېسىل ، ئەزگۈ ، بەلەن، ئەلا، ئەۋزەل
ئىجابىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان، ئارتۇقچىلىقى كۆپ، ئومۇمىي ئۆلچەمگە چۈشىدىغان، سۈپەتلىك.
بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ. ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى بالا. ياخشى ئاتاق بىر قامچا، يامان ئاتقا يۈز قامچا. ئوبدان باولساڭ ئالىدۇ، ئوسال بولساڭ ئاسىدۇ. ئېسىل نەرسىنىڭ قاچىدا يۇقى قالار. قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى. ناچار ئادەم تۆرۈڭدە ياتا،، تۆرۈڭدىن چۈشسە، ئەيىبىڭنى ئاچار. ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى. ئېسىل سۆز ئالماسنى كېسەر. ئوبدان بولسا، ئۆزۈڭگە بالا، ناچار بولسا، بېشىڭغا بالا. ئاسماندىكى ساردىن قولۇڭدىكى قۇشقاچ ئەلا. يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. قىڭغىر دەرەخنىڭ قۇرۇغىنى ئەۋزەل. بۇزۇق ئادەمنىڭ ئۆلگىنى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەدەب - ئەخلاقى، خۇي - پەيلى بۇزۇق، يامانلىقنى كۆزلەيدىغان (كىشى).
ياخشى ، ئەزگۈ
ئىسىملاشقان: ئەدەب - ئەخلاقى، خۇي - پەيلى ئوبدان، ياخشىلىقنى كۆزلەيدىغان (كىشى).
ياخشىنى يامان بۇزىدۇ. ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم. ياخشى ئاش ئۈستىگە كېلەر، يامان سۆز ئۈستىگە. ياخشى ئاز، يامان كۆپ، بۇغداي ئاز، سامان كۆپ. ئەسكىنى ئالداپ ئىشلەت، تاسمىنى مايلاپ. ياخشىدا تۇرمىغان خوتۇن ئەسكىدە تۇرار. ئەزگۈ ئەزگۈلۈك قىلار، ياۋۇز ياۋۇزلۇق. ياۋۇزنىڭ يولدىشى كۆپ، ياخشىنىڭ كۈندىشى. ياماننىڭ ياخشىسى بولغۇچە، ياخشىنىڭ يامىنى بول؛ قارىمۇقنىڭ دانىسى بولغۇچە، بۇغداينىڭ سامىنى بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يامان.
ھەر نەرسىنىڭ يامىنى. يامان ئىگ _ موخو كېسىلى.
3 - 37
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يامان، بۇزۇق، قورقۇنچلۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ <ياخشى> نىڭ ئەكسى، ئەسكى، ئوسال، ناچار.
يامان ئادەت. يامان غەرەز.
يامان ياماندىن قورقار، كەتمەن ساماندىن (ماقال).
بارچە ياخشى، مەن يامان، بارچە بۇغداي مەن سامان (ماقال).
يۈز دوستتىن بىر دۈشمەن يامان (ماقال).
سۈپ. قاتتىق، كۈچلۈك.
ئۇنىڭ دادىسى ئاچچىقى يامان ئادەم ئىدى.
قارىسام ھېچ كۆرۈنمەيدۇ سەمەندىن قورغان، ئەجەپ قاتتىق يامان ئىكەن ياردىن ئايرىلغان.
سۈپ. خاراب، ناچار، ئېچىنىشلىق.
لەنىتى زۇلمەت زامان، يوقسۇلنىڭ ھالى يامان، بولغۇسى ئاخىر يورۇقلۇق، يۇرت پاراۋان، ئەل ئامان.
سۈپ. زىيىنى بار، زىيانلىق، قورقۇنچلۇق، خەتەرلىك.
تاغنىڭ ھاۋاسى شۇنداق بولىدۇ، شامال كۈنچىقىشتىن ئۇرۇپ تۇرغاندا، ھاۋادا قارا بۇلۇت بولسىمۇ قورقما، ئېچىلىپ كېتىدۇ. شامال بولمىسا، بۇنىسى يامان.
ئى. سەلبىي تەرەپ.
يۈسۈپبېك ھاجى بولسا ئوغلىنىڭ بۇ سۇسلۇققا ئوخشاش كۆرۈنگەن ھالىنى يامانغا ئۆرىدى.
سۈپ. ئاساسى بولمىغان، قۇرۇق؛ يارىماس، رەزىل، بولمىغۇر.
- ئەي شاھزادە، بۈگۈن يەتتە كۈن بولدى، ھەر كۈنى بىر ۋەزىر ئالدىڭىزغا كېلىپ، ئاياللار خۇسۇسىدا يامان ھېكايە قىلىشىدۇ، - دەپتۇ شاتۇتى شاھزادىگە.
رەۋ. ناھايىتى، ئىنتايىن، بەك.
ھاۋا يامان ئىسسىق ئىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قوپال، قورقۇنچىسىز، شىددەتلىك؛ جەسۇر، كۈچلۈك ؛ ئىش بىلىدىغان، پىشقان، يېتىلگەن.