UyghurMain Dictionary
ياماماتوگون نوخيو
دۇنيا تارىخى
(1852 - 1933) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1913 - 1914، 1923 - 1924 - يىللاردا)، دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى. سامۇ ۋاسساللىقىدىكى سامۇرايلىقتىن كېلىپ چىققان. ۋۇچېن ئۇرۇشى ۋاقتىدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان. دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدا دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرىنىڭ ئادىيۇتانتى، باش شتابنىڭ مەسىلىھەتچىسى بولغان. 1895 - يىلى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1898 - يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ قارارلىق ئىچكى كابىنېتنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1904 - يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ داجياڭلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1913 - يىلى ئىچكى كابىنېتنى تەشكىل قىلىپ، مالىيەنى رەتكە سېلىش، ئەمەلدارلارنى قىسقارتىش، مەمۇرىي ئەمەلدارنى تەيىنلەش بۇيرۇقىنى ئۆزگەرتىش، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ ئارمىيە ۋەزىرى بولۇش تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. 1923 - يىلى كانتوندا يەر تەۋرىگەندە ئىككىنچى قېتىم ئىچكى كابىنېتنى تەشكىل قىلغان. ئىككىنچى يىلى خۇمىىڭ ۋەقەسى (نانىۋا ئوسۇكې توكيونىڭ خۇمىڭ دېگەن يېرىدە مۇۋەققەت ھاكىم، شاھزادە مىيا تاغىغا زەربە بېرىش ۋەقەسى) تۈپەيلىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پېشقەدەم خادىمى ۋە سامو زومىگەرلىرىنىڭ باشلىقى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن تەسىرى خېلى زور بولغان.