UyghurMain Dictionary
يادرو قوراللىرىدىن مۇداپىئەلىنىش
يادرو ۋە بىئو قوراللار
يادرو ياراغلىرى كەڭ دائىرىدە قىرغىن قىلىدىغان ياراغ بـولـسـىـمـۇ، لېكىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى بىلـىـۋالـسىلا، ئۇنـىـڭ زىـيـىـنـىـنـى يېنىكلەتكىلى ۋە ئازايتقىلى بولىدۇ.
كەڭ دالىدا يادرو پارتلىغان چاغدىكى نـۇرنـى بـايـقـىـغـان ھـامـان، پارتلاش مەركىزىگە ئارقىسىنى قىلىپ يېتىۋېلىش كېرەك. ياتقـانـدا ئىـكـكـى قولنى گىرەلەشتۈرۈپ كۆكرەكنىڭ ئاستىغا باستۇرۇش، ئىككى جەينەكنى يانغا چىقىرىپ، باشنى تەبـىئىـي رەۋىـشـتـە ئىككى بىلەكنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇش، كۆز، ئېغىزنى چىـڭ يـۇمـۇش، نـەپـەس ئالماسلىق، ئىككى پۇتنى تۈز ئۇزىتىپ جۈپلەش كېـرەك. تـۆپىـلىـك، قـىـر قاتارلىق ئېگىزلىك بار جايلاردا، يادرو پارتلىـغـان چاغدىكى نۇرنى بايقىغان ھامان، يېقىن ئەتراپتىكى يەر شەكلـىـدىـن پـايـدىـلـىـنـىـپ، دۈمبىسىنى پارتلاش مەركىزىگە قىلىپ، تـوسـۇقنىڭ ئارقىسىغا يېتىۋېلىش كېرەك.
مۇستەھكەم ئىمارەتلەرنىڭ دەقىقە ئىچىدىكى قىـرغـىـنـچـىـلـىـق ئامىللىرىدىن مۇئەييەن مۇھاپىزەت قىلىش رولى بار. پارتلىغان چاغدىكى نـۇرنـى بايقىغان ھامان، ئۆي ئىچىدىكىلەر بۇلۇڭغا ياكـى كـارىـۋات، ئۈسـتـەل ئاستىلىرىغا يېتىۋېلىش، ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋېلىـش كـېـرەك.
غـار، كـۆۋرۈك ئاستى، يۇندى يولىدىن پايدىلىنىپ مۇداپىئەلىنىشكىمۇ بولىـدۇ، بـەزىـدە دەل - دەرەخ، ئورمان، قوناقلىق ياكى سۇغا چۆكۈپ مۇداپىئەلـەنـگەنـدىـمـۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. مەسىلەن، نۇرنى بايقىغاندىن كېيىـن، سـۇ ئاستىغا20 سېكۇنت چۆكۈپ تۇرۇپ ئاندىن چىقسا، زىياننى يېنىكلەتكىلـى بولىدۇ.
تۈرلۈك دالا ئۇرۇشى ئاكوپلىرىنىڭ يادرو ياراغلىرىدىن بـىـرقـەدەر ياخشى مۇھاپىزەت قىلـىـش ئۈنۈمـى بـار. پـارتـلاش مـەركـىـزىـگـە كۆندىلەڭ جەڭ ئاكوپى ۋە قاتناش ئاكوپلـىـرىـنـىـڭ رادىئاتـسـىـيـە، زەربـە دولقۇنى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى يادرو رادىئاتىسىيىسىـدىـن بـەلـگـىـلـىـك مۇداپىئە قىلىش ئۈنۈمى بار. يادرو پارتلىغان چاغدىكى نۇرنى بـايـقىـغانـدا، ئاكـوپ ئىچىگە دەرھال يېتىۋېلىش ياكى مۇۋاپىق قىياپەتنى تاللاپ مۇداپىئەلـىـنـىـش كېرەك.
يامغۇرلۇق، پىلاش، كىيىم - كېچەك (كىيىم، قولقاپ، لۆڭگە) قاتارلىقلار بىلەن مۇداپىئەلەنسىمۇ، مۇئەييەن ئارىلىقتا، نۇر رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنىدىن ساقلانغىلى ياكى ئازايتقىلى بولىدۇ. يادرو ھۇجۇمى ترېۋوگانسىنى ئاڭلىغاندا، ئوچۇقچىلىقتىكى كىشىلەر ھەم يوشۇرۇنغۇدەك ئاكوپ، ياكى پايدىلىق ئورۇن تاپالمىسا، يامغۇرلۇق كىيىپ، پىلاش ئارتىپ ياكى كىيىملىرىدىن پايدىلىنىپ مۇداپىئەلىنىشكە تەييارلىنىشى، يادرو پارتلاش نۇرىنى بايقىغان ھامان يەرگە دۈم يېتىپ، كىيىملىرى بىلەن ئوچۇق يەرلىرىنى چۈمكىۋېلىشى كېرەك.
رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ يۇقۇشىدىن مۇداپىئەلىنىش: رادىئوئاكتىپلىق تۈتەكنى كۆرگەندە ياكى بۇ ھەقتىكى سىگنالنى ئاڭلىغاندا، دەرھال يوشۇرۇنۇش ئەسلىھەلىرىگە كىرىۋېلىش كېرەك، ئوچۇقچىلىقتىكى خادىملار ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيىپ، يامغۇرلۇق يېپىنىپ پۈتۈن بەدىنىنى مۇداپىئە قىلىش كرەك.
يادرو پارتلىغاندىن كېيىن، يۇققان رادىئوئائاكتىپ ماددىلارنى تازىلاپ، رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ ئادەمگە زىيىنىنى تۈگىتىش ياكى ئازايتىش كېرەك. تازىلاش ئادەتتە قىسمەن تازىلاش ۋە پۈتۈن بەدەنلىك تازىلاش دەپ ئايرىلىدۇ. قىسمەن تازىلاش بەدەننىڭ ئوچۇق يەرلىرى (باش، يۈز، بويۇن، قول) لاردىكى، بولۇپمۇ كۆز جىيىكى، قۇلاق تۆشۈكى، بۇرۇن تۆشۈكى، ئېڭەك قاتارلىق يەرلەرنى تازىلاشتۇر. قۇرۇق لۆڭگە بىلەن سۈرتسە تازىلاش نىسبىتى 65% دىن ئاشىدۇ، ھۆل لۆڭگە بىلەن سۈرتسە% 90 كە يېتىدۇ، سۇ بىلەن يۇسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. پۈتۈن بەدەنلىك تازىلاش پۈتۈن بەدەننى دوشتا يۇيۇش ياكى سۇ بىلەن چايقاشتۇر. پۈتۈن بەدەنلىك تازىلاشنىڭ تازىلاش نىسبىتى% 95 تىن ئاشىدۇ.