UyghurMain Dictionary
يادرودىكى يىپلىق بۆلۈنۈش
بىئولوگىيە
مۇكەممەل يادرو پەردىسى ئىچىدە يادرو بۆلۈنمەي ۋە سىتوپلازما بۆلۈنمەي تۇرۇپ، خروموسومىلارنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش جەريانىدۇر. كۆپ يىپچىلىق خروموسوما يادرودىكى ئەنە شۇنداق قايتا - قايتا كۆپ قېتىملىق يىپلىق بۆلۈنۈشنىڭ بىر خىل مەھسۇلاتىدۇر. يادرودىكى يىپلىق بۆلۈنۈش دائىم دىففېرېنسىيىلەنگەن ياكى دىففېرېنسىيىلىنىۋاتقان توقۇلمىلاردا كۆرۈلىدىغان، تەن ھۈجەيرىسىنى كۆپ ھەسسىلەندۈرىدىغان بىر خىل شەكىلدۇر.