UyghurMain Dictionary
ھېسسىي بىلىش
ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق كونكرېت شەيئىنى بىلىشى ھېسسىي بىلىشتىن باشلىنىدۇ. ئۇ ئوبيېكتىپ تاشقى دۇنيانىڭ ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، كىشىلەر ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، تىل، بەدىنى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇچرىشىپ، ئۇ ھەقتە ھېسسىي تونۇش شەكىللەندۈرىدۇ.
ھېسسىي بىلىش تەرەققىي قىلىش جەريانىدا سەزگۈ، ئىدراك، ھېسسىي ئوبراز قاتارلىق ئۈچ ئاساسىي شەكىلنى بېسىپ ئۆتىدۇ. سەزگۈ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسى، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ھادىسىلىرى، سىرتقى ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئەڭ دەسلەپكى ئىنكاسىنىڭ نەتىجىسى. كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى ئالمىنى كۆزى بىلەن كۆزىتىپ، يۇمۇلاق، قىزىل، چوڭ دېگەن تونۇشنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ تىلى بىلەن تېتىپ، تاتلىق دېگەن تونۇشنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ قولى بىلەن تۇتۇپ، قاتتىق دېگەن تونۇشنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىرەر ئەزا سەزگۈسىنى يوقاتسا، شۇنىڭغا دائىر تونۇش شەكىللىنىدۇ، تۇغما ئەما كىشىلەر رەڭنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ، تۇغما گاس كىشىلەر ئاۋازنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئىدراك ھەرخىل سەزگۈلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن ئوبيېكتىپ شەيئى ھەققىدىكى بىر پۈتۈن ئوبراز، بىر پۈتۈن ئوبيېكتنىڭ ئىنكاسى. بىر خىل سەزگۈ ئالمىنىڭ بىر خۇسۇسىيىتىنىلا ئىنكاس قىلىدۇ، ئىدراك ئالما ھەققىدىكى بارلىق سەزگۈلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «چوڭ، تاتلىق، بىرقەدەر قاتتىق بولغان بىر دانە قىزىل ئالما» دېگەن بىلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئىدراك سەزگۈدىن ئەتراپلىق ۋە مۇرەككەپ. ھېسسىي ئوبراز بۇرۇن ئىدراك قىلىنغان شەيئىنىڭ خاتىرىدە قايتا ئايان بولۇشى، كۆز ئالدىمىزدا ئالما بولمىسىمۇ، كاللىمىزدا يەنىلا ئالمىنىڭ ئوبرازى شەكىللىنىدۇ. ھېسسىي ئوبراز ھېسسىي بىلىش ئىچىدىكى بىرقەدەر يۇقىرى شەكىلدۇر.
ھېسسىي بىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى: تاشقى دۇنيانى جانلىق، مول، كونكرېت ئوبراز ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئارىلىق ھالقا بولمايدۇ. ھېسسىي بىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ بىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىدە. مەسىلەن، نەرسە سېتىۋالغۇچى كىشى ھامان رەڭگى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە تاشقى شەكلىگە قاراپ تاللايدۇ. بىراق، ھېسسىي بىلىشنىڭ زور چەكلىمىلىكلىكى بار، ئۇ پەقەت شەيئىنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرىنىلا ئىنكاس قىلىدۇ، ئىچكى ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، ئۇ بىلىشنىڭ تۆۋەن باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ بىلىشى ھېسسىي بىلىش باسقۇچىدا توختاپ قالماسلىقى كېرەك، ھېسسىي بىلىشنى ئەقلىي بىلىشكە كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ بىلىشنىڭ تۆۋەن باسقۇچى. ئەمەلىيەت جەريانىدا تاشقى دۇنيادىكى ئوبيېكتىپ شەيئىلەر بىزنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىمىزغا تەسىر قىلىش بىلەن بىزدە نۇرغۇن سەزگۈ پەيدا قىلىدۇ، مېڭىمىزدە بىر مۇنچە ئىزلارنى قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۈرلۈك شەيئىلەرنىڭ تاشقى ھادىسىلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى بىلىشكە ئىگە بولىمىز، مانا بۇ ھېسسىي بىلىشتۇر. ھېسسىي بىلىش پەقەت شەيئىنىڭ ھادىسە تەرىپى بىلەن تاشقى باغلىنىشلىرىنىلا ئەكس ئېتىپ، شەيئىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئىچكى باغلىنىشلىرىغىچە يەتمىگەن بولىدۇ. ھېسسىي بىلىش شەيئىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئىچكى باغلىنىشلىرىنى ئەكس ئېتىدىغان ئەقلىي بىلىشنىڭ ئاساسى. ئەقلىي بىلىش ھېسسىي بىلىشكە تايىنىدۇ. ھېسسىي بىلىشمۇ، تەرەققىي قىلىپ ئەقلىي بىلىشكە يېتىشنى كۈتىدۇ. ھېسسىي بىلىش بىلەن ئەقلىي بىلىش بىلىش جەريانىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان باسقۇچلىرى. بۇ ئىككى بىلىش باسقۇچىنىڭ خاراكتېرى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۆزئارا ئۆتۈشىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەت ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
لوگىكا
ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئايرىم جەھەتى ، ھادىسە جەھەتى ۋە تاشقى باغلىنىشى توغرىسىدا سەزگۈ ئەزالىرىنى ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان بىۋاستە بىلىش، ھېس ئىدراك ۋە تەسەۋۋۇرلار ھېسسىي بىلىش شەكىللىرىدۇر .