UyghurMain Dictionary
ھېپىستوس
دۇنيا تارىخى
يەنى گېپىست. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئوت خۇداسى ۋە ھۈنەر - سەنئەت خۇداسى. باش خۇدا زىۋېس بىلەن مەبۇدە ھېرادىن تۇغۇلغان. ئاقساق، چىرايى سەپ بولغاچقا، ھېرا ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن. بەختكە يارىشا مەبۇدىلەر ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغان. چوڭ بولغاندىن كېيىن ھېرادىن ئىنتىقام ئالماقچى بولۇپ، ئالتۇندىن بىر تەخت ياساپ، ھېرانى ئولتۇرسا قوپالمايدىغان قىلىپ قويغانمىش. كېيىن ھېرا بىلەن ياراشقاندىن كېيىنلا، ئانىسى ئاندىن تەختتىن چۈشەلەيدىغان بوپتۇ. ئۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك مەبۇدىسى ئافرودىت بىلەن توي قىپتۇ. ئولېمپىيە تېغىدا مىستىن ياسالغان بىر ئۇستىخانىسى بولۇپ، ئەپچىل قوللىرى بىلەن خۇدالار ۋە باتۇرلارغا ھەرخىل قورال - ياراق ۋە سايمانلارنى ياساپ بېرىدىكەن. مەسىلەن، زېۋىسنىڭ سەۋلىجانى، ئاپوللوننىڭ ئوقياسى، دېمېتېرنىڭ ئورغىقى، ئاكىللېسنىڭ قالقان ۋە ساۋۇتى، ھېلوسنىڭ ئالتۇن ھارۋىسى، خارمونىيەنىڭ بويۇن چەمبىرىكى ۋە پېرومىتېنى كاپكاز تېغىغا باغلاپ قويۇشتا ئىشلىتىلگەن زەنجىر قاتارلىقلار. ئۇستىلارنىڭ پىرى دەپ قارالغان. قەدىمكى رىم ئەپسانىلىرىدە رۇلكانوس دەپ ئاتالغان.