UyghurMain Dictionary
ھىيەل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرلىكى: ھىيلە. ھىيلىلەر، ئالدامچىلار.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھىيلىلەر، ئالداملار (<ھىيلە> نىڭ كۆپلۈكى)
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ خاس فىقھە ئاتالغۇسى بولۇپ، <قانۇن توقۇلمىسى> دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. كۆرۈنۈشتە شەرىئەتكە لايىق ئۇسۇل ئارقىلىق شەرىئەت بەلگىلىمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىدىغان بىر خىل قانۇن ۋاسىتىسىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ھەنەفىيەنىڭ قائىدىسى بويىچە قوشنىسى ئۆزىگە قوشنا يەرنى ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىدىن ئەگىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، بۇ مەزھەپ ھىيەل ۋاسىتىسىنى لايىھىلەپ چىققان. يەرنى ئالغۇچىغا ئالدى بىلەن ئاز بىر پارچە يەر سوۋغا قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالغۇچى سېتىلىدىغان يەرگە قوشنا بولۇپ قالىدۇ. ئاندىن يەر شەرىئەتكە لايىق سېتىلىدۇ. ھىيەل تارىختا ھەنەفىيە ۋە شافىئىييە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان. لېكىن، مالىكىيە ۋە ھەنبەلىيە تەرىپىدىن چەكلەنگەن.