UyghurMain Dictionary
ھۆكۈمەتسىزلىك
دۇنيا تارىخى
ئانارخىزم (فرانسۇزچە Anarchisme ávapxia دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھۆكۈمەتسىز، تەرتىپسىز ھالەت دېگەن مەنىدە. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن، بارلىق دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ۋە سىنىپىي كۈرەشكە قارشى تۇرىدىغان بىر خىل ئۇششاق بۇرژۇئازىيىچە ئىدىيىۋى ئېقىم. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فرانسىيە، روسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق ئۇششاق بۇرژۇئازىيىە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن دۆلەتلەردە كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى گېرمانىيىدىكى ستىرنېر، فرانسىيىدىكى پرودون، رۇسىيىدىكى باكونىن ۋە كروپوتكىن قاتارلىقلار. ستىرنېر ئانارخىزمنىڭ پېشۋاسى. پرودون ئانارخىزمنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ ئىشچىلارنىڭ سىياسىي كۈرەشكە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئورنىغا شەخس بىلەن گۇرۇھنىڭ ئەركىن بىرلەشمىسىنى دەسسىتىشنى خىيال قىلغان. باكونىن بولسا دۆلەتنى ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى نامۇۋاپىق ھادىسىلەرنىڭ ئاپەت يىلتىزى دەپ قاراپ، بارلىق دۆلەتلەرنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى بىر نەزەرىيىۋى شەكىلگە تەرەققىي قىلدۇرغان كروپوتكىن بولسا پۈتۈنلەي ئاپتونومىيەنى ئاساس قىلغان. ھېچقانداق نوپۇز بولمىغان <ئەركىن كوممۇنىزم> قۇرۇشنى، يەنى <ئانارخىزم> تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن: <ئانارخىستلارنىڭ دۇنيا قارىشى شەكلى ئۆزگەرتكەن بۇرژۇئازىيىچە دۇنيا قاراشتۇر. ئۇلارنىڭ شەخسىيەتچىل نەزەرىيىسى، ئۇلارنىڭ شەخسىيەتچىلىك غايىسى سوتسىيالىزمغا بىۋاستە قارىمۇ - قارشىدۇر> )<لېنىن ئەسەرلىرى> 10 - توم، خەلق نەشرىياتى، 1958 - يىلى نەشرى، 53 بەت، خەنزۇچە( دەپ كۆرسەتكەن. ئانارخىزم پرولېتارىيات ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ۋە ئىنقىلابىي كۈرەشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كاپىتالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىش رولىنى ئوينىغان؛ پرولېتارىيات ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن - تۈزۈملەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئاجىزلىتىش رولىنى ئوينىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىنكار قىلىپ، ھەر قانداق تەشكىلات، ئىنتىزام ۋە نوپۇزغا قارشى تۇرۇش .
تەشكىلىي ئىنتىزامغا بويسۇنماسلىق .