UyghurMain Dictionary
ھۆكىم
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇرۇن <قۇرئان كەرىم> دە ھۆكۈم شەكلىدە كۆرسىتىلگەن ئەھكام چىقىرىش مەزمۇنىغا ئىگە سۈرە - ئايەتلەر، يەنى مۇسۇلمانلار ئەھكام چىقىرىش، دىننى ئىجرا قىلىشنىڭ ئاساسىي دەپ قارىغان قۇرئاندىكى ئەھكاملار كۆزدە تۇتۇلغان. كېيىن ئەھكام چىقىرىش خاراكتېرىگە ئىگە پرىنسىپ، بەلگىلىمىلەر، جۈملىدىن فەقىھلەرنىڭ پىكرى ئاساس قىلىنغان پىكر ھۆكۈمى؛ سېلىشتۇرۇش، يىغىنچاقلاش ئارقىلىق چىقىرىلغان قىياس ھۆكۈمى؛ زور كۆپ ساندىكى فەقىھلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكرى ئاساس قىلىنغان ئىجمائ ھۆكۈمى؛ ھەدىس ئاساس قىلىنغان ھەدىس ھۆكۈمى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلدى. ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ھەق تەلەپ ھۆكۈمى، سودا ھۆكۈمى، جىنايى ئىشلار ھۆكۈمى، نىكاھ، ئائىلە ھۆكۈمى قاتارلىقلارغا ئايرىلدى. ئادەتتە قۇرئان، ھەدىسنىڭ ئەسلىي تېكىستى مەنبە قىلىنغان ھۆكۈم ئەڭ مۇھىم، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش زۆرۈر؛ ئۇنىڭدىن قالسا قىياسنى مەنبە قىلغان ھۆكۈم ئىجمائدا تەستىقلانسا ئۇمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.