UyghurMain Dictionary
ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
ئىسلام دىنى ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1906 - يىلى 12 - ئايدا داككا (ھازىرقى بېنگالغا تەۋە) دا قۇرۇلغان ھىندىستان ئىسلام دىنى سىياسىي تەشكىلاتى. دەسلىپىدە ئەزالىرى ئاساسلىقى، سودا بۇرژۇئازلىرى، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر، چوڭ پومېشچىكلار بولغان. مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە سادىق بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر خىل سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 1907 - يىلى 12 - ئايدا، كاراچىدا چاقىرىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا ئىتتىپاق نىزامنامىسى تەييارلىنىپ، 1908 - يىلى 3 - ئايدا ئالېگارخ پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا ماقۇللانغان ھەمدە ئاغاخان ئىتتىپاق رەئىسلىكىگە سايلانغان. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىم رايونلىرىدا ۋە ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ياچېيكا تەسىس قىلىنغان. 1913 - يىلى 3 - ئايدا لاكنوۋ يىللىق يىغىنىدا يېڭى ئىتتىپاق نىزامنامىسى ماقۇللىنىپ <باشقا دىنىي مەزھەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ھىندىستانغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاپتونومىيە تۈزۈمى> نى قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1915 - يىلىدىن كېيىن جىننا باشچىلىقىدىكى گۇرۇھ كونا رەھبەرلەرنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە يېقىنلىشىشقا باشلىغان ھەمدە مىللىي ھەرىكەتكە قاتناشقان. 1916 - يىلى 12 - ئايدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن <لاكنوۋ ئەھدىنامىسى> نى تۈزۈپ، ھىندىستان <ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدە دومىنىئونلار بىلەن باراۋەت بولغان> مۇختارىياتكە ئىگە بولۇشى لازىم، دېگەننى بەلگىلىگەن. سايلىغۇچىلارنى دىن بويىچە ئايرىپ، ئۆز ئالدىغا سايلاشنى يولغا قويۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال ۋە شەرقىي شىمال قىسىملىرىدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايونلاردا ئايرىم پاكىستان دۆلىتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1940 - يىلى 3 - ئايدا، لاھور يىللىق يىغىنىدا <پاكىستان قارارى> نى ماقۇللىغان. 1947 - يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىگە ئايلىنىپ، 60 - يىللارغا كەلگەندە ئۈچ گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى يوقاتقان.