Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھىلدرېس
Domain: دۇنيا تارىخى希尔德烈斯
xī ěr dé liè sī
(1807 - 1865) ئامېرىكىلىق يازغۇچى، تارىخشۇناس. ماسساچۇستېس شتاتىدىكى بىر پرفېسسور ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1826 - يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1830 - يىلى ئادۋوكات بولغان. 1832 - يىلى بوستوندىكى <ئاتلاس گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغۇچىلار تەرەپدارى بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1836 - يىلى ئۆزىنىڭ <ئاق تەنلىك قۇل> (<قۇل ئالكى - مورنىڭ ئەسلىمىسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) رومانىنى ئېلان قىلىپ، نىگېر قۇللارنىڭ جەنۇب ئېكىنزارلىقلىرىدىكى مۈشكۈل ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىنى تەسۋىرلىگەن. 1840 - 1843 - يىللىرى ئەنگلىيە ۋە گۋېئانادا بولغان. 1849 - 1852 - يىللىرى ئالتە توملۇق <ئامېرىكا تارىخى> نى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدا ئاساسەن قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ تارىختا ئوينىغان رولىغا ئېتىبار بېرىلگەن. 1861 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىتالىيە رىياسىتىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە: <ئامېرىكىدىكى ئىستىبداتچىلىق>، <سىياسىي نەزەرىيە>، <ئەخلاق نەزەرىيىسى> قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.