Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھىلدېبىراند ناخشىسى
Domain: دۇنيا تارىخى希尔德布兰德之歌
xī ěr dé bù lán dé zhī gē
گېرمانلارنىڭ قەھرىمانلار ئىپوسى. مىلادى ⅢⅩ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭدىن 48 كۇپلېت پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان. مەزمۇنى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشتىن كېيىنكى شەرقىي گوت كورۇلى دېتىرىك (يەنى تىئودورىك، 474 - 526 - يىللىرى تەختتە بولغان) نىڭ قول ئاستىدىكى ھىلدېبراندنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان. ھىلدېبراند جەڭگە چىقىپ كېتىپ 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىۋېتىپ، چېگرىدا ئۆزىنىڭ ئوغلىنى تونۇۋالغان، ئۇنىڭغا بىر ئالتۇن ھالقا سوۋغا قىلغان. ئوغلى بۇ <يات تائىپە> نىڭ سوۋغىسىنى ئېلىشنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ھىلدېبراند جەڭگە ئاتلىنىشقا مەجبور بولغان. قېپقالغان ئورىگىنالدا جىددىي ئېلىشىشنى تەسۋىرلىگەن جايدا ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ ئىپوس مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشتىن كېيىنكى مەزگىلىدىكى شەرقىي گوتلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.