UyghurMain Dictionary
ھەزرىتى ئۆمەر بىننى خەتتاب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(592 - 446)تۆت خەلىپىنىڭ بىرى. ئىسلام تارىخىدىكى ئىككىنچى خەلىپە. قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئەدى جەمەتىدە دۇنياغا كەلدى. ئەسلىي مەككىدىكى ئابرۇيلۇق ئاقسۆڭەك سودىگەر بولۇپ، باشتا ئىسلام دىنىغا قارشى تۇردى. ھىجرەتتىن تۆت يىلى بۇرۇن ئىسلام دىنىغا كىردى. ئۇنىڭ دىنغا كىرىشى ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. قىزى ھەفسەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلاپ بەردى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلىپە بولدى. ھەزرىتى ئۆمەر خەلىپە بولغان مەزگىلدە (634 - 644) سۈرىيە، ئىراق، پەلەستىن، پرسىيە، ۋە مىسىر قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى كەڭ تارقالدى. بەسىرە ۋە كۇفەدە ئىككى چېدىر شەھىرى (ھەربىي شەھەر) قۇردى؛ ھىجرەتنى ئىسلام ئەسىرىنىڭ باشلىنىشى قىلىپ بېكىتتى. 644 - يىلى پرسىيىلىك قۇل، خرىستىئان دىنىنىڭ مۇخلىسى ئەبۇ لۇئلۇئە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى