UyghurMain Dictionary
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 573 - 634)تۆت خەلىپىنىڭ بىرى، بۈۋى ئائىشەنىڭ دادىسى. ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى خەلىپە. قۇرەيش قەبىلىسىدىكى تەمىم جەمەتىدە دۇنياغا كەلدى. ئاقسۆڭەك، ياش چاغلىرىدا سودىگەرچىلىك قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنى تەرغىب قىلىشنى قوللىغان ئاساسلىق ئادەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 622 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە مەدىنىدىن سەپەر قىلغاندا، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى بۈۋى ئائىشە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن نىكاھلاندى. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندە كېيىنكى ھەممە جەڭلەرنى باشتىن كەچۈردى. 631 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەكىل بولۇپ مۆمىنلەرنى باشلاپ مەككىگە ھەج قىلغىلى باردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى، پەيغەمبەرنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن نامازدا ئىمام بولدى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىلىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلىپىلىككە سايلاندى. بۇ زات خەلىپە بولغان مەزگىلدە (632 - 634) زەيد ئىبنى سابىتنى <قۇرئان كەرىم> نى توپلاپ رەتلەشكە بۇيرۇدى؛ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قەبىلىلەرنىڭ توپىلىڭى - <رەددە> نى تىنجىتىشقا 11 يول بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىپ، يېرىم ئارالنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، كېيىنكى خەلىپىلەرنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىگە ئاساس سېلىپ بەردى.