UyghurMain Dictionary
ھەشەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەتراپتىكىلەر، يېقىنلار، دائىم بىرگە بولغۇچىلار، يېقىن كىشى.
ئەل، قەبىلە، ئۇرۇق - ئايماق.
شان - شەۋكەتلىك، داغدۇغا، ھەشەم؛ مەرتىۋە؛ دەرىجە:
بەگلەركى بولسا مەنسەبى ئالى ۋە ھەشەم،
ساندۇقىدا پۇر ئولسا زەر، سىيىم ئىلە دىرەم.
سەبۇرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېقىن كىشى، دائىم بىرگە بولغۇچى؛ قەبىلە، ئەل؛ مەرتىۋە، دەرىجە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سۆلەت، داغدۇغا.
يىگىتلىككە ھەشەم كېرەك، ھاجىلىققا ھەرەم (ماقال).
كۆچمە. بىرەر ئىشنى قىلىش، ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئاۋارىگەرچىلىك؛ بەجانىدىللىق؛ سەرپ قىلىنغان كۈچ.
ھەشەم قىلماق.
ئۇ گويا شۇ كۈنى ئۆيىگە خېزىر كېلىدىغاندەك ھەشەم بىلەن تەييارلىق قىلدى.