UyghurMain Dictionary
ھەشەمەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دەبدەبە، ئۇلۇغلۇق، شانۇشەۋكەت، بۈيۈك ئېتىبار، ھۆرمەت:
موغۇلىستان ئىچرە يوقتۇر ھەم تەڭ،
فەرىدۇن ھەشەمەتۇ جەمشىد ئەۋرەڭ.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
داغ - دۇغا، دەبدىبە، ياسىداق؛ ئۇلۇغلۇق، ئۇلۇغ مەرتىۋە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كاتتا ھەشەم، سۆلەت، داغدۇغا، دەبدەبە؛ ھەيۋەت.
زامانىسىدا ئىلچى شەھىرى بويىچە كۆزگە چېلىققۇدەك ھەشەمىتى بار بۇ قورۇنىڭ دەرۋازىسى كۈن چىقىشقا قارايتتى.