UyghurMain Dictionary
ھەسەل ھەرىسى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھەسەل ھەرىسى تەبىئەتتىكى قالتىس ماھارەتلىك قۇرۇلۇش ئۇستىسى. بۇنى ھەرە كۆنىكىنىڭ نەپىس قۇرۇلمىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ھەرە ئۇۋىلىرى نەچچە مىڭ ھەتتا نەچچە10 مىڭ ھەرە كۆنىكىدىن تەركىب تاپىدۇ. ھەرە كۆنىكىنىڭ ھەممىسى چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئالتە قىرلىق پرىزما شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسى ئۈچ دانە تەپمۇ تەڭ رومبا شەكىللىك يۈز بىلەن يېپىلىپ بىر يېتىق بۇلۇڭلۇق كونۇس شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۈچ دانە رومبا شەكىلنىڭ تار بۇلۇڭلىرى ئوخشاشلا′70 °23 ھەربىر ھەرە كۆنىكىنىڭ سىغىمى ئاساسەن دېگۈدەك25 .0 كۇب سانتىمېتىر، ھەربىر قاتاردىكى ھەرە كۆنەكلىرى ئۆزئارا پاراللېل تىزىلىدۇ ھەمدە ئۆزئارا گىرەلىشىپ نەپىسلىكتە تەڭدىشى يوق ھەرە ئۇۋىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنداق قۇرۇلمىلىق تۇرالغۇغا كېتىدىغان ماتېرىيال ئاز، سىغىمى چوڭ بولىدۇ، ئۇ گېئومېتىرىيە ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ھەم ئەمگەك كۈچىنى تېجەپ ئىشلىتىش پرىنسىپىغا ئىنتايىن ئۇيغۇن بولۇپ، ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ياسىلىپ چىقىلغان. ھەسەل ھەرىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش سۈرئىتىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بىر ھەرە توپى بىر كېچە - كۈندۈز ئىچىدە مىڭلىغان ھەرە كۆنەكلىرىنى ياساپ بولىدۇ.
ھەرە كۆنىكى ئىشچى ھەرىنىڭ قورساق قىسمىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى تۆت جۈپ موم بېزى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سېرىق موم بىلەن ياسىلىدۇ. ئىشچى ھەرە ئۆسۈپ12 ~18 كۈنلۈك بولغاندا موم بېزى تولۇق يېتىلىپ بولىدۇ. ھەرە ھەرە كۆنىكى ياساشتا ئالدى بىلەن ھەسەلگە بىر تويۇۋالىدۇ، ئاندىن ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپ مىقداردا سېرىق موم ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.
بىر ھەرە توپىدا ئىشچى ھەرە ئاساسىي گەۋدە بولۇپ، تەخمىنەن70 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇغماس چىشى ھەرىلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئانا ھەرە ۋە600 ~800 ئەركەك ھەرە بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئەزادىن تەركىب تاپقان ھەرە توپىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن تۇراقلىق، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولىدۇ، ئۇلار يۈكسەك دەرىجىدە توپلاشقان بىر ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ھاشارات ھېسابلىنىدۇ. ئىشچى ھەرە پۈتۈن ئائىلىنىڭ بارلىق ئەمگەكلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، ئانا ھەرىنى كۈتىدۇ، بالا ھەرىلەرنى باقىدۇ، ھەرە ئۇۋىسىنى رېمونت قىلىپ، ھەرە كۆنىكى ياسايدۇ، ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ، گۈل يىغىپ ھەسەل ياسايدۇ، ئىشىكتە قاراۋۇللۇق قىلىدۇ.
ئەركەك ھەرە ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمدىن يېتىلىدۇ، كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل، ئۇنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى ئانا ھەرە بىلەن چېتىشىش بولۇپ، باشقا ھېچقانداق ئىش قىلمايدۇ. ئانا ھەرىنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى تۇخۇم تۇغۇش، ئانا ھەرە ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۇچۇپ چىقسا نەچچە يۈزلىگەن ئەركەك ھەرە ئارقىدىن قوغلايدۇ. ئاخىرىدا ئۇچۇشى تېز، تېنى قاۋۇل بولغان بىر ئەركەك ھەرە ئانا ھەرە بىلەن چېتىشىدۇ. ئەركەك ھەرە چېتىشقاندا پۈتۈن كۆپىيىش ئەزاسى ئانا ھەرىنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى ئىچىگە چۈشۈپ قالىدۇ، شۇڭا ئەركەك ھەرە ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ قالىدۇ. ئانا ھەرە بىلەن چېتىشىشقا نېسىپ بولمىغان ئەركەك ھەرىلەرنى ئىشچى ھەرە ئۇۋىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، ئۇلار »ئەمگەك« قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىر ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ.
بىئولوگىيە
ھاشاراتلار سىنىپىنىڭ پەردە قاناتلىقلار ئەترىتى ھەسەل ھەرىسى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئىنسانلار تەرىپىدىن بېقىلىپ ھەسەل ئالىدىغان ھەرىلەردۇر. بەدىنى سېرىق قوڭۇر، زىچ تۈكلەر بىلەن قاپلانغان، ئېغىز ئاپپاراتى چايناش ۋە سۈمۈرۈشكە ماسلاشقان بولىدۇ. ئارقا پۇتىنىڭ پاچاق بوغۇمى ھەم بىرىنچى ئوشۇق بوغۇمى ياپىلاق بولۇپ، گۈل چېڭى ئېلىپ يۈرۈش پۇتىنى شەكىللەندۈرگەن، گۈل چېڭى يىغىپ ھەسەل ئاشقازىنىدا ئېچىتىپ ھەسەلگە ئايلاندۇرالايدۇ. ئىشچى ھەرىنىڭ قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا زەھەر تىكەنچىسى بولىدۇ. ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك (توپلىشىپ ياشايدىغان) ھاشارات بولۇپ، ھەرە پادىشاھى (ئانا ھەرە) ئاتا ھەرە ۋە ئىشچى ھەرىلەر (كۆپىيەلمەيدىغان چىشى ھەرىلەر) دىن كولونىيە ھاسىل قىلغان. ھەرە توپىدا ئانا ھەرە (ھەرە پادىشاھى) نىڭ ئىندىۋىدى ئەڭ چوڭ مەسىلەن، ئىتالىيە ھەرىسىنىڭ ھەرە پادىشاھىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 - 25 مىللىمېتىر كېلىدۇ. بىر ئۇۋىدا پەقەت بىر ئانا ھەرە (ھەرە پادىشاھى) بولۇپ، مەخسۇس تۇخۇم سېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، بىر ئەلا سۈپەتلىك ئانا ھەرە (ھەرە پادىشاھى) بىر سوتكىدا ئىككى - ئۈچ مىڭ دانە تۇخۇم سالالايدۇ. باھار پەسلىدىن تارتىپ ياز پەسلىدىكى ھەسەل ئېلىش مەزگىلىگىچە 40 - 60 مىڭ تال ھەرىسى بولغان چوڭ ھەرە كولونىيىسىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ. تۇخۇمى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ۋە ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم دەپ ئايرىلىدۇ، ئالدىنقىسى يېتىلىپ ھەرە پادىشاھى ياكى ئىشچى ھەرىگە ئايلىنىدۇ، كېيىنكىسى ئاتا ھەرە بولۇپ يېتىلىدۇ. ئىشچى ھەرىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 12 - 14 مىللىمېتىر بولۇپ، گۈل چېڭى يىغىش، ھەسەل ئېچىتىش، لىچىنكىلارنى بېقىش، ئۇۋا ياساش، كولونىيىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. ئەركەك ھەرە پەقەت چىشى ھەرە بىلەن چېتىشىشقىلا مەسئۇل بولىدۇ. ھەسەل ھەرىسى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە گۈل چېڭى يەتكۈزۈپ بېرىپ، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرىدۇ، ئىشلەپچىقارغان ھەسەل، ئانا ھەرە شىرنىسى، ھەرە مومى ھەمدە ھەرە زەھىرى ئىستېمال قىلىنىش، تېبابەتچىلىك ۋە سانائەت ساھەسىدە بەلگىلىك ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە. مەملىكىتىمىز ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ھەسەل ھەرىسى بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىشى 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ھازىر بېقىلىۋاتقان تۈرلىرى: جۇڭخۇا ھەسەل ھەرىسى (Apis cerana)، ئىتاىيە ھەسەل ھەرىسى (A.mellifora) قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
زوئولوگىيە
بىر خىل ھاشارات.تېنىنىڭ يۈزىدە ناھايىتى زىچ تىۋىت تۈكچىلەر بولىدۇ. ئالدىنقى قانىتى ئارقا قانىتىدىن چوڭ، ئەركىكىنىڭ سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى سەل ئۇزۇنراق، ئانا ھەرە ۋە ئىشچى ھەرىنىڭ زەھەرلىك نەشتىرى بولىدۇ. ئادەمنى چاقىدۇ ۋە توپلىشىپ ياشايدۇ. ئىشچى ھەرە گۈل ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرىدۇ.